تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆپ خىل سېتىش يوللىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كۆزنەك ئېچىپ بەردى

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. 3-ئاي، ئىلى دەريا بويىدىكى پارنىكتا قىپقىزىل پىشقان بۆلجۈرگەنلەرنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيەسىدە كۈنسېرى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
    چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەۋزەل سۇ-تۇپراق، يورۇقلۇق شارائىتى بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈشكە ماس كەلگەچكە، بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن بۆلجۈرگەنلەرنىڭ تەمى شېرىن، دانىسى چوڭ ئىدى. 2010-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچىڭ شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا 800 مولۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى يەرلىكتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۆلجۈرگەن قاتارلىق مېۋە-كۆكتاتلارنى تېرىش كۆلىمى داۋاملىق ئېشىپ، جايلاردىكى پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.
    بۆلجۈرگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جۇ فاخۈي مۇنداق دېدى : ھازىر بۆلجۈرگەن پارنىكىدا ھەر مو يەردىن قىلىنغان كىرىم 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، ئېتىز-ئېرىق ئىشى ئالدىراش ۋاقىتلاردا ئەتراپتىكى كەنت-بازارلارنىڭ نۇرغۇن ئېشىنچا كۈچلىرى كېلىپ ئىشلەيدۇ. ھەر يىلى باش باھاردا بازىغا كېلىپ بۆلجۈرگەن ئۈزىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىمىز يەرلىكتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توردا سېتىشنى قانات يايدۇردى.
    چاپچال ناھىيەسى لياڭفەنچاڭ ئەنبەنباغ يېمەكلىك زەمبۇرۇغ كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇلتۇر ئېكىسپورت قىلغان زەمبۇرۇغ مەھسۇلاتى 1300 توننىدىن ئاشتى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئېكىسپورت كارخانىلىرى بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەر ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ تۈركۈم مالنى «يېشىل كارىدور» ئارقىلىق قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىدۇ.
    چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشقا پەقەت بىر كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تەننەرخ تېجىلىپ قالىدۇ،- دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋۇ مېيبىن مۇخبىرغا. قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەرنىڭ سېتىلىش باھاسى يۇقىرى بولغاچقا، يەرلىكتىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارغا نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كەلدى.
    چاپچال ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇلتۇر ناھىيەدە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە مېۋە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 9348.2 موغا يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 79 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا سېتىلغان كۆكتات 5500 توننىغا، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئېكىسپورت قىلىنغان كۆكتات تەخمىنەن 3000 توننىغا يەتكەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى