تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئىستېمالچىلارنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ؟ ‏

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. يىلدا بىر كېلىدىغان «15-مارت ئىستېمالچىلار كۈنى» يېتىپ كېلەي دېدى، «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ماۋ شىنخۇا تورى، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ «مىنىستىرلار ئاۋازى»دا خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلارغا ئىنكاس قايتۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالدى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇلتۇر قۇرۇلغان مەملىكەتلىك 12315 ئالاقە تور سۇپىسى ئاساسىدا، بۇ يىل «15-مارت» ئالاقە تورى ئەرز قىلىش سۇپىسىنىڭ 2-قارارى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىستېمالچىلار ئېلىكتىرونلۇق خەرىتە ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ئەرز قىلالايدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت جاڭ ماۋ يەنە مۇنداق دېدى: سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» دا بەلگىلەنگەن توردا مال سېتىۋالسا «يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش» نى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمەلىي دۇكانلارغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشتىكى سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن، ئىستېمالچىلار قوغدىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، سودىگەرلەرنىڭ سودا ئىناۋىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ».

  جاڭ ماۋ مۇنداق قارىدى: «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ھالقا: بىرىنچىدىن، قانۇن-نىزامنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ھازىر توردا مال سېتىۋالىدىغانلار ئەقلىي تەھلىل قىلىدىغان بولدى، ئالدى بىلەن ئەمەلىي دۇكانلارغا بېرىپ باھاسىنى، سۈپىتىنى كۆرۈپ، ئاندىن تورغا چىقىپ سېتىۋالىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى