ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرودىيە مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماركىسى بولغان Rimac بۇ نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە Rimac Concept Two تىپلىق ساپ توكلۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى كۆرگەزمە قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلغا 1914 ئات كۈچلۈك موتور سەپلەنگەن بولۇپ، سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 420km/h غا يېتىدىكەن، 1.85 سېكۇنتتا سۈرئىتى 100km/h كە چىقىدىكەن. بۇ ئاپتوموبىلغا يېرىم سائەت توك قاچىلىسا توك مىقدارى %80 كە يېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىل ئادەمسىز ھەيدىگىلى بولىدىغان ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا ئادەم يۈزىنى پەرق ئېتىش سىستېمىسى ۋە تۆت دەرىجىلىك مۇستەقىل ھەيدەش ئىقتىدارى سەپلەنگەنىكەن.