تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، 2019-يىلى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار

  مەمەترېھىم چىلانلارنىڭ پىشىش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

  ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: مەمەترېھىم مەمتىمىن 2017-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى باش شۇجى بىلەن كۆرۈشكەن چاغلارنى ئەسلىگەچ: 2019-يىلى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلايمەن!- دېدى.

  2017-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەمەترېھىم مەمتىمىن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئالتىنچى بولۇپ سۆز قىلىپ، باش شۇجىغا يۇرتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردۇم.

  باش شۇجى ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزىلاردا ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىق مەيدانىدا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر-بازارلاردا كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىمىز بار

  مەمەترېھىم مەمتىمىن چىرا ناھىيە چىرا يېزىسى باش ئۈژمە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بۇ بىريىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ئۆزگىچە ئانار يېتىشتۈرىدۇ. ئەسلىدە كەنتىمىزدە 800 مو كۆلەمدە ئانارلىق بار ئىدى. بۇ يىل يەنە 450 مو كۆلەم كېڭەيتىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كەنتىمىز بىلەن قوشنا ئۈچ كەنت بىرلىشىپ ئانار پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇردۇق. 9-ئايدا ئانار پىشقاندا، ئۆزىمىز ئانار شەربىتى ئىشلەپ چىقىرىمىز.

  بۇ ئانار ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى چىرا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرۇلغان بولۇپ، باش ئۈژمە كەنتى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئۈچ كەنتنىڭ 10 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئانىرىدىن ئانار شەربىتى ئىشلەپچىقىرىلىپ، بازارغا سېلىنىدىكەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كەنتىمىزدىكى 25-30 ئادەمنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئاناردىن باشقا، بۇ كەنت 2017-يىلدىن باشلاپ 200 مو يەرگە ئالاھىدە مۇچنى سىناق قىلىپ تېرىغان بولۇپ، مەمەترېھىمنىڭ چىڭداۋدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنى ھەقسىز مۇچ ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە مۇچلار ھوسۇل بەرگەندىن كېيىن سېتىپ چىقىرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.

  ئۇ ھازىرقى كۈنلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەمىن ئۆيلەر سېلىندى. تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى. يوللار قارامايلاشتۇرۇلدى. يۇرتداشلار موتوسىكلىت، ئاپتوموبىللارنى ھەيدەيدىغان بولدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ كەنت ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «پىلاننامىسى» نى تۈزۈپ چىقتى. باش ئۈژمە كەنتىدە 321 ئائىلىلىك بار بولۇپ، ھازىر 265 ئائىلىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇ يىل بۇ كەنتنىڭ نىشانى بولسا 23 ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش بولۇپ، 2019-يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  «ئىككى يىغىن» روھىنى تەشۋىق قىلىشتا بوشىشىپ قالمايمىز

  نۆۋەتتە، 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ئېچىلىۋاتىدۇ. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمەترېھىم مەمتىمىن مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزمۇنلىرىغا داۋاملىق يېقىندىن دىققەت قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دەپ بىلدۈردى: بۇ نەچچە كۈندە تېلېۋىزور ۋە يانفون ئارقىلىق «ئىككى يىغىن» خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن. بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئېيتقان سۆزى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. مەن باش شۇجى ئېيتقان مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  مەمەترېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇلتۇر «ئىككى يىغىن» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ 100 مەيداندىن ئارتۇق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» روھىنى يەتكۈزۈش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە «ئىككى يىغىن» روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇردىن باشلاپ كەنت كادىرلىرىنى يېتەكلەپ تېخنىكا ئۆگىنىش كېچىلىك مەكتىپى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ دېھقانلارغا ھەركۈنى كەچ ئىككى سائەت تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن.

  ئۇ مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەنتتىكى كېچىلىك مەكتەپتىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكىلەرگە يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرىنى ھەربىر ئادەمگە يەتكۈزىمىز. پەقەت ھەرمىللەت ئامما قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، قەلبداشلاردىن بولۇپ ئورتاق تىرىشقاندىلا جۇڭگو ئارزۇسى چوقۇم بالدۇر ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى