تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

2 –ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا چاغاننىڭ تەسىرى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى ئالدىنقى ئاي ۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى خانىلىق سۈرئەت بويىچە تۆۋەنلىگەن.

  2-ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم ھالدا 1 مىليون 706 مىڭ ۋە 1 مىليون 718 مىڭ ئاپتوموبىل بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئايرىم ھالدا %36.6 ۋە %38.9 تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا %20.8 ۋە ٪11.1 تۆۋەنلىگەن، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم ھالدا 4 مىليون 394 مىڭ ۋە  4 مىليون 452 مىڭ بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 تۆۋەنلىگەن، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئاشقان. ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 13.9 ۋە 7.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  جۇڭگو ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياردەمچىسى چېن شىخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-ئايدا ئاپتوموبىل سانائىتىدە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، سودا ئاپتوموبىللىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشكەن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان، ئېلىمىز ئاپتوموبىل بازارلىرىنىڭ ئۈلۈشى تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى ئون كارخانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كەسىپلەر بويىچە ئاز مىقداردا ئاشقان، ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قەدەر تېز ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى