تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلىقى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

    تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن خانىم-قىزلار گىرىم قىلغاندا ئاسانلا يۈز مېيى يۈزىگە سىڭمەيدىغان ياكى ئۇپا ئۆرلەپ قالىدىغان ئەھۋالغا كۆپ ئۇچرىغان ھەمدە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلىقى ئىشلىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلىقى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.

    نۇرغۇن كىشىلەر گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    گەرچە يۈز چاپلىقى يېپىق ھالەتتىكى مەلھەم بولغاچقا، تېرە كۆپ مىقداردا سۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىپ ئاقارسىمۇ، ئەمما مۈڭگۈز قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەر يۈز چاپلاقتىكى سۇيۇقلۇققا چىلانغانلىقى ئۈچۈن، مۇداپىئە ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالىدۇ.

    ئەمدىلا يۈز چاپلاق چاپلىغان تېرىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى ماددىلارغا نىسبەتەن ھېچقانداق قارشىلىق كۈچى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن رەڭلىك گىرىمدىكى مۇئەتتەر (پۇراقلىق ماددا)، پىگمېنتلار ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار تەر تۆشۈكچىلەرگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا گىرىم قىلىشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

    ئەگەر گىرىمدىن بۇرۇن يۈز چاپلاق ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، سۇ چاپلىقىنى ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى ساپ گىرىم سۈيىگە ھېچقانداق جەۋھەر قوشۇلمىغاچقا، يېپىق ھالەتتىكى مەلھەم مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. سۇ چاپلىقىنى ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا ئىشلەتسىلا كۇپايە، شۇڭا تېرىنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى