تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يۈرەك كېسىلىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى - قەۋزىيەت

ماتېرىيال سۈرەت

    2018-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئازادلىق ئارمىيە 39-جۈن 24-تۇەن سىياسىي باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، مارشال چىن يىنىڭ ئوغلى يولداش چىن شياۋلۇ جىددىي خاراكتېرلىك زور كۆلەمدىكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىن خەينەن سەنيادىكى 301-دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بەختكە قارشى 71 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئىگىلىنىشىچە، چىن شياۋلۇ قازا قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنىدە سالامەتلىكى ۋە روھىي ھالىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كۈندۈزى خانىمى بىلەن سىرتقا چىققان ئىكەن. 2-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ سائەت 21:20 ئۆتكەندە، چىن شياۋلۇ يۇيۇنۇپ ئۇخلاشقا تەييارلىق كۆرگەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوڭ تەرەت قىلغان، لېكىن بەك كۈچىۋەتكەچكە تاسادىپىيلىق يۈز بېرىپ، يەرگە يېقىلغان. گەرچە خانىمى 120 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىغا بېرىش يولىدا چىن شياۋلۇنىڭ نەپسى ۋە يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    بىز بۇ پىشقەدەم ئەپەندىگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، قەۋزىيەتنىڭ ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى  ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز لازىم. جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى 6-تارماق دوختۇرخانىسى مەقئەت-ئۈچەي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ باشلامچىسى، پىروفېسسور رېن دۇڭلىن مۇنداق دېدى: قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە قەۋزىيەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئاز ئەمەس. ئەمىنىيە دەۋىرىدە ياشىغان جىن جىڭگۇڭ تۇيۇقسىز قورسىقى كۆپكەندەك ھېس قىلىپ ھاجەتكە چىققان، لېكىن شۇ كىرگىنىچە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. 1760-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى جورجى Ⅱ چوڭ تەرەت قىلغاندا بەك كۈچىۋەتكەچكە، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن. 1796-يىلى رۇسىيە ئايال پادىشاھى يېكاتېرىنا Ⅱ چوڭ تەرەت قىلىۋاتقاندا ھۇشىدىن كېتىپ، ئارقىدىنلا ۋاپات بولغان. شياڭشېڭ ئارتىسى ماجىمۇ بىر كۈنى سەھەردە تەرەت قاچىسىدا ئولتۇرغان پېتى تۇيۇقسىز قازا قىلغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    رېن دۇڭلىن يەنە مۇنداق دېدى: قەۋزىيەتلەر تەرىتىنى چىقىرالماي ئادەتتە بەكرەك كۈچەيدىغان بولغاچقا قورساق بېسىمى ئۆرلەيدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ قان بېسىمىمۇ ئۆرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدىغان بولغاچقا، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يۈرەك مۇسكۇللىرىدا مۇشۇ سەۋەبلىك  ئېغىر دەرىجىدە ئۇزۇن مەزگىلگىچە قان يېتىشمەسلىك  ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا تەرەققىي قىلىپ  يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا ئۆزگىرىدۇ.   

ماتېرىيال سۈرەت

    قەۋزىيەت بىمارلىرى چوڭ تەرەت قىلغاندا بەك كۈچەپ نەپەس ئالمايدۇ ھەمدە ئىچكى ئەزاسىنى باسىدىغان بولغاچقا، يۈرەك يېرىلىپ، چوڭ قان تومۇرلاردا قوش قەۋەت ئارتېرىيە ئۆسمىسى ۋە يېرىلىپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ،  بۇ ئەھۋال بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن قەۋزىيەت جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى. بىمارلار كۈچەپ تەرەت قىلغاندا  قان تومۇرلارنىڭ بېسىمى ئېشىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا قان تومۇر دىۋارىدىكى داغ پارچىلىرى ئاسانلا قان ئارىسىغا كىرىپ، قان تومۇرلارنى توسۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    قەۋزىيەت ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىشتىن سىرت، يەنە  بوۋاسىر، مەقئەت يېرىلىش، قورساق دىۋارى چۇقۇقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشتەك خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار (بولۇپمۇ، يۈرىكى ياخشى ئەمەسلەر) قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى،  چېنىقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئۈچىنچى، يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولۇش؛ تۆتىنچى، ئاكتىپ داۋالىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى