تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  ‹‹ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق – ھەققانىيلىقنى ۋە ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە يىلدىن – يىلغا ياخشىلاش››، ‹‹ئاھالىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە تولۇقلىمىسى ئۆلچىمىنى يەنە 40 يۈەن كۆپەيتىش››... بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىلدى ھەمدە تەرەققىيات ئاساسىدا خەلققە پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىيىن ئىشلارنى كۆپرەك ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدىكى تېمىلارنى بەس – بەستە قىزغىن مۇھاكىمە قىلىپ، كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى، مىننەتدارلىقىنى سۆزلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭغا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنىڭ زورلۇقىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئىللىقلىقنى خەلققە ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۇختىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن – يىلغا ياخشىلىدى.

  خەلق ھەر ۋاقىت قەلبكە پۈكۈلدى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ‹‹ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش››، ‹‹مائارىپ سېلىنمىسىنى نامرات رايونلارغا ۋە ئاجىز ھالقىلارغا داۋاملىق مايىللاشتۇرۇش››، ‹‹ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇشىنى قوللاش›› قاتارلىق جۈملىلەرنىڭ تېگىگە بەلگە قويدى.

  گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەر مىللەت ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈلگەن ئەمەلىي ئىشلار بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چاپچال ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىگو شياۋخۇڭ

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: مەن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل، كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن. بەش يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاھالىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان ئوتتۇرىچە مالىيە ياردىمىنىڭ ئۆلچىمى 240 يۈەندىن 450 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدىن مەنپەئەتلەنگەنلەر 17 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى، 60 مىليونغا يېقىن تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. بۇ سان – سېپىرلار بىزگە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.

  نۇرغۇن ۋەكىل قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى يۇرتداشلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى بېيجىڭغا ئېلىپ كەلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى باش لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن لياڭ دەل شۇنداق ۋەكىللەرنىڭ بىرىدۇر.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى باش لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى چېن لياڭ

  چېن لياڭ مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار مېنىڭ بېيجىڭدا ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا تەشەككۈر ئېيتىپ قويۇشۇمنى، مىننەتدارلىقىنى چوقۇم يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇلار: ‹‹ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى، ھەميانلىرىمىز تومپايدى، كېسەل كۆرسەتسەك ئاتچوت نىسبىتى ئۆستى، بالىلىرىمىز يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كۆپچىلىك باش شۇجىغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز›› دېيىشتى.

  كەنتتە تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇدا ئىككى يىل بولغان چېن لياڭ ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئاڭلىقلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچەيگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. چېن لياڭ مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكنىڭ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن قىلدۇرغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ھازىر بىزنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئاتلىنىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

  ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار ياخشى ھەل قىلىندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ، خەلق قايسى جەھەتتە ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلمىسا، خۇشال بولمىسا، رازى بولمىسا، بىز جەزمەن شۇ جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، بار ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى جەريانىدا گو شياۋخۇڭنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىش يۈز بەردى. بىر قېتىم ئۇلار مەلۇم بىر چارۋىچىلار ئولتۇراق نۇقتىسىغا سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە بارغاندا، شۇ يەردىكى چارۋىچىلار خۇشاللىقىدىن بايرام ئۆتكۈزگەندەك ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىپ كەتكەنىدى. بىر چارۋىچى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا گو شياۋخۇڭغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يېنىمىزدىن پۇل چىقىرىپ سالامەتلىكىمىزنى تەكشۈرتۈشكە كۆزىمىز قىيمايتتى، ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دوختۇر ئەۋەتىپ، سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، كېسىلىمىزنى داۋالاپ، قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ.

  گو شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى. ھازىرغىچە، ناھىيەمىزدە 288 مىڭ ئادەم(قېتىم) سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتتى، بۇنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى %97.4كە، ئارخىپ تۇرغۇزۇش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  كىيىم، تاماق، تۇرالغۇ، قاتناشتىن تارتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە چېتىلىدىغان ئۇششاق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 300 مىڭ يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆيى سېلىندى، كەپە ئۆي رايونىدىكى 368 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېڭىدىن 28 مىڭ كىلومېتىر يېزا يولى ئۆزگەرتىپ ياسالدى...

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى ھېساباتنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: 2017 – يىلىدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى تەشكىللىك ھالدا 5934 كىشىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، 20 مىڭ كىشىنى شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈەن ۋە دۆلەت كارخانىلىرىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇردى، 116 مىڭ كىشىنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ يېزا يەسلىسىدىن يېڭىدىن 1152نى قۇردى، 18 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلدى، يەسلى يېشىدىكى 404 مىڭ بالا يەسلىگە كىردى. ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەھەر – يېزىلاردىكى بارلىق ئاممىنى قاپلىدى.

  پەرھات روزى مۇنداق دېدى: بىز ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز›› دېگەن تەلەپنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى بارغانسېرى ئۆستۈرىمىز.

  ئائىلىدىن دۆلەتكىچە ھەممىسى روناق تاپتى

  خەلق تۇرمۇشى ئەلرايىغا تۇتىشىدۇ، ئەلرايى دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ھەر بىر سۆز – جۈملىسىگە سەمىمىي غەمخورلۇق سىڭگەن، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ھەر بىر تەدبىر كەلگۈسى تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە لايىقلاشقان بولۇپ، بۇ ئۆزگىرىشلەر دەل خەلقنىڭ ئۈمىدىدۇر.شىنجاڭ بۇ يىل يېزا ئەمىن ئۆيىدىن 30 مىڭ يۈرۈش سېلىشنى، يېزىلاردىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى، كەپە ئۆيدىن 471 مىڭ يۈرۈشنى ئۆزگەرتىشنى، 30 مىڭ يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى پىلانلىدى...

  چېن لياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ۋە ياش دوختۇر، ياش ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلارنى ئالدى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى قەدەممۇ قەدەم تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش›› دېگەن مەزمۇن توغرىسىدا گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇ، مەملىكەت بويىچە ھەر بىر ئائىلىگە، بولۇپمۇ يېزا ئائىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شەھەر – يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى قاتارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇش، ھەر بىر كىشىنى مائارىپ ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە باراۋەر پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى سەھىپىسى سۈرەتلەندى، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي مەبلەغ سېلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلار بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلىشىدۇ.

  قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ۋىلايەتنىڭ مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تىزدىن تولۇقلايدۇ. پەرھات روزى مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىدىكى ‹‹چوڭ سوۋغات›› ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرلارغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى كەم – كوتسىز ئۆز جايىدا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ھەم بېسىم، ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر. بىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز. دۆلەت گۈللىنىپ روناق تاپسا، ئائىلىمۇ گۈللىنىدۇ، مىليونلىغان ئائىلە ياخشىلانسا، دۆلەت تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ.

(چېن چياڭۋېي، دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى