ئۆز خەۋىرىمىز: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى بوز يەر بازىرى بۇۋاقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » خىزمەت ئەترىتى قوغۇننىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى جەي ۋېنچياڭنى كەنتكە تەكلىپ قىلىپ، پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ قوغۇن يېتىشتۈرۈش جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلار قوغۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنىدى.
شىنجاڭنىڭ قوغۇن باش سورتىنى يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى بولغان جەي ۋېنچياڭ بۇ كەنتتە دېھقانلارغا يەرلىك قوغۇن ئاساسىي تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە قارىتا نۇقتىلىق ھالدا يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇز تېرىش تېخنىكىسى ۋە قوغۇننى سورتلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. دېھقانلار جەي ۋېنچياڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خاتىرە يېزىپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
كەنت « ئىككى كومىتېت » بەنزىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللا يۈسۈپ مۇنداق دېدى: بىز پىكىر يولىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئېلىپ كەلگەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى تەسەۋۋۇرلاردىن پائال پايدىلىنىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتىنى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بىزمۇ بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنى ياخشى يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئورتاق بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز».