تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىگە ئۆگىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە 87 خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى يېقىندا ماس قەدەملىك تور بىۋاستە دەرسخانىسىغا قاتنىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندى. بىۋاستە دەرسخانىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي ئىشلار بويىچە مۇئاۋىن باشلىقى پۇ شىيۈ «ئامما خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتى ھەققىدە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
    بىۋاستە دەرسخانا رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇپلا مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشتۇق، بىۋاستە دەرسخانىدا ئەڭ يېڭى ھۆججەتنىڭ روھىنى ۋە سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى دەل ۋاقتىدا ئۆگىنىۋالدۇق، بۇ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەشكە ئىگە قىلدى،-دېدى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئورمانچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچى-سانجى يولى كوچا باشقارمىسى «كىرورەن» مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاۋ چۈەنجياڭ.
   جاۋ چۈەنجياڭ مۇنداق دېدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىدە ئامما ئۈچۈن سۆز قىلىش، ئاممىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا يەرلىكتىكىلەرگە تېخىمۇ ماسلاشقىلى، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى