پىياز سۈيى بىلەن يۆتەل توختىتىش:
پىيازنى پاكىز يۇيۇپ بېشىنى ئېلىۋېتىمىز.
پىيازنى سۇغا چىلىۋالغاندىن كېيىن، ئالتىگە پارچىلايمىز.
كېسىۋالغان پىيازنى قاچىغا سېلىۋالىمىز، بۇ چاغدا سۇ قۇيمىساقمۇ بولىدۇ.
پىياز بار قاچىنى دۈم قىلىپ تەخسىگە قويىمىز.
قازاندا سۇنى قاينىتىۋالغاندىن كېيىن پىيازنى نورمال ئوتتا دۈملەيمىز.
30 مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن، تەخسىدە سۇس سۆسۈن رەڭلىك سۇ پەيدا بولىدۇ، بۇ دەل پىياز سۈيى.
پىياز سۈيىنى ئايرىم ئېلىۋالىمىز.
پىياز سۈيى دەسلەپتە ئاجرىلىپ چىققاندا سەل ئاچچىق بولسىمۇ، ئەمما ئېغىزغا كىرىشى بىلەنلا گال راھەتلىنىپ قالىدۇ. ئادەتتە بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن، بىر، ئىككى كۈن ئىچسىلا يۆتەل توختايدۇ.