تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

فېدېرېر: مەن يەنىلا غەلىبىگە ئىنتىلىمەن

  شىنخۇا تورى، ۋاشىنگتون، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى: ئىندىئان ۋېلس پىشۋالار مۇسابىقىسىدە فېدېرېر يەنىلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۇ غەلىبىگە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ توختىماي مۆجىزە يارىتىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  «مەن باشقىلارغا يېڭىش-يېڭىلىش مەن ئۈچۈن بەرىبىر دېيەلمەيمەن، ھازىر يېشىم سەل چوڭ ھېسابلىنىدۇ، بەلكىم ياش ۋاقىتلىرىمدىكىدەك ئۆزۈمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇرۇنماسلىقىم مۇمكىن، بىراق بۇ مېنىڭ غەلىبىگە ئىنتىلمەيدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى 36 ياشلىق فېدېرېر.

  بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىنى فېدېرېر ياخشى باشلىۋالدى، قاتناشقان ئىككى مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، كەسپىي ھاياتىدىكى 20-قېتىملىق تولۇق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، فېدېرېر يەنە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا چىقىپ، تارىختىكى يېشى ئەڭ چوڭ تېننىس توپ شاھى بولدى. تارىخى ئۇزۇن بولغان ئىندىئان ۋېلس پىشۋالار مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئۇ يەنە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا فېدىرېر 306 ھەپتە ئولتۇردى. ئۇ يېشى چوڭايغانسېرى بىرىنچى ئورۇننى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، مەن بۇ شەرەپكە يۈز كېلەلەيمەن» دېدى فېدېرېر.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى