تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

  ـــ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ماقۇللىدى. مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ، دەۋر ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى، ئىشلىرىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنىڭ مايىللىقى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى

  ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق قارىدى: دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش پەن تەتقىقات يۇرتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جارقىن ئاقات مۇنداق دېدى: مەن ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى. دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈم لايىھەسى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن خەلق، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئورتاق تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى. بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش زور نەتىجىلىرى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تەجرىبە، تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئېچىش – تەجرىبە مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ئادالەت ئېزىز مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكى گەۋدىلەنگەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە قەلب ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاساسىي قانۇنغا دەل ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئارزۇسى مۇجەسسەملەندى. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، كۈچلۈك قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، مەن بۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ماقۇللىنىشى بىز تەقەززا بولغان چوڭ ئىش. بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خەلقنىڭ ئىرادىسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلدى. بىز ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ھىمايە قىلىمىز ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  ئاساسىي قانۇننىڭ پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىمىز، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن بۇرچنى ئادا قىلىمىز

  ۋەكىللەر، ئەزالار، كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ پىرىنسىپىغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە، پىرىنسىپ ۋە روھنى جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەرز – شىكايەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇڭ رۈي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ، بۇ ھەم يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە لايىقلاشقانلىق، ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغانلىق بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا تامامەن ئۇيغۇن، مەن قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. تەپتىش ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قانۇننىڭ ئېتىقادچىسى، ئەمەلىيەتچىسى، قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتىمەن. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەپتىش خىزمىتىدە نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۆھپە قوشىمەن.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى چېن جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىز مۇشۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇشنى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

   ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ماقۇللىنىشى خەلقنىڭ ھەقىقىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇقەررەر ھالدا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  (دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي، چېن چياڭۋېي، لى ياڭ، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تەن خۈيجۈن، جاڭ شاۋياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى