تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سەمىمىي تاپشۇرۇق مۇساپىنى يورۇتتى، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

  شى شىن

  ئىللىق باھار شامىلى دىللارنى يايراتقان مارت ئېيىدا، يىلدا بىر ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› داۋاملىشىۋاتاتتى.

  ۋاقىت ئىسترىلكىسى كەينىگە يېنىپ، 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنىنى كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  سەمىمىي تاپشۇرۇق مۇساپىنى يورۇتتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما مۇھىم تاپشۇرۇقنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات ئىمتىھان سوئالىغا رازى بولغۇدەك جاۋاب بەردى.

   ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى

    پارتىيە رايى ۋە ئەلرايى بىر نۇقتىغا مۇجەسسەملەندى

  شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 92 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشتى ـــ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ‹‹دىرىژورلۇق تايىقى›› قىلغان شىنجاڭنىڭ 2017 – يىللىق تەرەققىيات ‹‹نەتىجىسى›› ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

  يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم بولماي قالدى، لېكىن 900 نەچچە مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىسادىغا قارايدىغان بولساق، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىم بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ‹‹يۇقىرى قىممىتى››نى نامايان قىلدى.

  % 7.6، % 7.5، % 7.2، % 7.6، بۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلدىكى تۆت پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يەنىمۇ مۇقىملاشقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، ‹‹تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش›› ئىدىيەسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈلدى.

  1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قوشۇلما قىممىتى 169 مىليارد 163 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، %5.6 ئاشۇرۇلدى؛

  2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سانائەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، پۈتۈن يىلدا كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 305 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇلدى؛

  3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، 3 – كەسىپنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %58.2كە يەتكۈزۈلدى...

  شىنجاڭ 2017 – يىلى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئالاقە ۋە جەمئىيەتنى تۈزەش جەھەتتىكى نۇقتىلىق تۈرلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %20 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى.

  2017 – يىلى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم مېترو ياسالدى، ‹‹دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا›› ئىچىدە تۇنجى قېتىم شىنجاڭ كارخانىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشلىرى شانلىق دەۋرنى كۈتۈۋالدى...

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجىدەك ياخشى داھىي يول باشلىغاچقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىگە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى پەيتىگە ئۇلاشتۇق، بۇ، پارتىيەنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ تەلىيى، خەلقنىڭ ئامىتى.

  تىيانشان ئېتىكىدە تۇرۇپ بېيجىڭغا نەزەر سالساق، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما چىن دىلىدىن باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

  سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ سەرخىللاشتى

  تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ بولدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى تېز ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، تەپەككۇر ئۇسۇلى يەنىلا كونا ئىزدا توختاپ قالسا، چىقىش يولى تاپالمايلا قالماي، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ئىدىيەمدە زور ئۆزگىرىش بولدى.

  قاراماي نېفىت بىلەن بارلىققا كەلگەن، نېفىت بىلەن گۈللەنگەن، بىراق، ئىلگىرىكى يەككە كەسىپ ئەندىزىسى شەھەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى.

  قاراماي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نېفىت، نېفىت خىمىيە ئىككىلەمچى كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، نېفىتنى ئاساس قىلغان زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تىرىشىپ بايلىق تىپىدىكى شەھەرگە ئۆزگىرىش قەدىمىنى تېزلەتتى. 2017 – يىلى قاراماي شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.5 ئېشىپ، ‹‹يېڭى نورمال ھالەت››تىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

   قاراماي شەھىرىنىڭ ئىزدىنىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

  شىنجاڭ 2017 – يىلى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، 1 –، 2 –، 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %9.8، %5.9، %5.6 ئاشتى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى 15.5:39.3:45.2 نىسبەت بويىچە تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىقى، سانائەتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىشتىن سانائەت بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىگە تايىنىشقا ئۆزگىرىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى.

  2017 – يىلى گۈللەنمە كەسىپلەر يېتىلىش داۋامىدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى ـــ

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) دۆلەتنىڭ ‹‹ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە بازىسى›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى؛ سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىش، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بىيو كەسىپ ... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزى(تەجرىبىخانىسى)گە نام بېرىلدى؛ ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىتنى ئاسراش، يېڭى دەۋر ئۇچۇر تېخنىكىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق يەتتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017 – يىلى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9.2، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %38.8 ئاشقان.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، سۈرئەت بىلەن سۈپەتنىڭ تەڭ ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

   ئېرىشىش تۇيغۇسى يۆنىلىش قىلىندى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى

  خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تەرەققىيات سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتىكى سىنتاش.

  يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىساد تەرەققىي قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. بىز ھەم مۇئەييەن تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلىشىمىز، ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۆپرەك قويۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويدى، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئۇدا نەچچە يىل ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

  سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلۇپ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىراق بولسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەن ئاڭدا چىڭ تۇرۇلدى. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت فۇنكسىيەلىك رايونىغا ئايرىش پىلانى تۈزۈلۈپ، يولغا قويۇلۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹بىر قوللۇق›› تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مۇھىت ئاسراشتا ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى قاتتىق چەكلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇلدى.

  2017 – يىلى شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى، يېزا كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى، رادىيو – تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى كەڭ يولغا قويۇلدى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، رەڭدار مەدەنىيەت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭۈللۈك يېڭى تۇرمۇشىغا سىڭدى...

  بارلىقىمىز خەلق ئۈچۈن! خەلقنى ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز!

  2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى ئۇلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل. شىنجاڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى تېمىغا يۈزلىنىپ، يېڭى سەھىپىنى قانداق پۈتىدۇ؟

  ‹‹مۇھىم نۇقتىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئەمەلىي ئىشلەش، كۈچەيتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك›› ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۇ ئاقىلانە تەدبىر ئومۇميۈزلۈك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى – كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئايلاندۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولغان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى خىزمەتلىرىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى.

   دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر كۆپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ئاز بولۇش، تۆۋەن تېخنىكىلىق كەسىپلەر كۆپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئاز بولۇش، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەر كۆپ، ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى كەسىپلەر ئاز بولۇش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر كۆپ، كاپىتال، پەن – تېخنىكا كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ئاز بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپ مەنبەلىك راۋاجلانغان، كۆپ قۇتۇپ تىرەك بولغان زامانىۋى كەسىپلەر يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى