تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

مۇز قۇرۇلمىلىق تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈشىگە ئىشلىتىلدى

مۇز قۇرۇلمىلىق تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى

    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنياڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان مۇز قۇرۇلمىلىق تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى ئېلىمىزنىڭ 34-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە «جەنۇبىي قۇتۇپ ئامورى مۇزلۇق جازىسى يەر شەكلىنى ئۆلچەش» تۈرىنىڭ يەر تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئىجرا قىلدى. بۇ شۇنداقلا ئېلىمىز يەر يۈزى ماشىنا ئادىمىنىڭ تۇنجى قېتىم قۇتۇپ تەكشۈرۈشى مۇز قاپلىمىسى يول قوللىنىشىغا ئىشلىتىلىشى ھېسابلىنىدۇ.        

    بۇ قېتىملىق ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شېنياڭ ئاپتوماتلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى سۈي جىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ ھاۋارايى شارائىتى ۋە مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەخسۇس لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭغا پۈتۈن يەر شەكىللىك ئاسما تەگلىك قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن، بۇ چاقلىق ۋە زەنجىر تاپانلىق دەپ ئىككى خىل قوزغىتىش شەكلىگە ئىگە. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە  تۆۋەن تېمپېراتۇرا، بوران، قار، تۇمان قاتارلىق ناچار ھاۋارايى شارائىتى ۋە مۇرەككەپ قار-مۇزلۇق يولدا مېڭىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: ئامورى  مۇز جازىسى

    مەزكۇر تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان جۇڭشەن پونكىتىدىن ئامورى جازىسىغىچە بولغان بىخەتەر توشۇش لىنىيەسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامورى  مۇز جازىسى جەنۇبىي قۇتۇپتىكى ئۈچ چوڭ مۇز جازىسىنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسى ماددا ئېقىمىنىڭ دېڭىز-ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان ئاساسلىق يولى، شۇنداقلا ئىچكى قۇرۇقلۇق مۇز قاپلىمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان ئاچقۇچلۇق «كۆرسەتكۈچ» بولۇپ، جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى