تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاڭاگۈل ھەسەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2017-يىللىق ئەڭ گۈزەل دوختۇرنى ئىزدەش» چوڭ تىپلىق جامائەت پاراۋانلىق پائالىيىتىگە تاللاندى

  مۇخبىرىمىز شى شۆخۇڭ، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز لياۋ يۈسۇڭ، جياڭ جياخەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى 1-بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭاگۈل ھەسەن شەرەپلىك ھالدا «2017-يىللىق ئەڭ گۈزەل دوختۇرنى ئىزدەش» چوڭ تىپلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە تاللانغان. بۇ پائالىيەتنى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە بۇ قېتىم مەملىكەت بويىچە پەقەت 10 دوختۇر تاللانغان، جاڭاگۈل ھەسەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن تاللانغان بىردىنبىر دوختۇر ھېسابلىنىدىكەن.

  دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان جاڭاگۈل ھەسەن ئىزچىل تۈردە خىزمەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، سانسىزلىغان بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغان. ھەربىر سۆڭەك كېسەللىكلىرى بىمارىنى ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن داۋالاپ، تەلتۆكۈس ساقايتىشقا تىرىشقان. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئۇ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى نەمۇنىسى، مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولغان، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن، يەنە شىنجاڭ قازاق تېببىي دورىگەرلىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قازاق تېببىي دورىگەرلىكى بويىچە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىدىكى ئىلغار تىپلارنى باھالاش پائالىيىتىدە «چېگرا ساغلاملىق قوغدىغۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى كۈندە جاڭاگۈل دوختۇرنىڭ قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تېڭىقچىلىقى، سۆڭەكنى ئورنىغا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى شىنجاڭ قازاق تېببىي دورىگەرلىكى ۋە داۋالاش ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرماقتا.

  بۇ پىروگرامما 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى قانىلىدا كەچ سائەت 20:07 دە، ئونىنچى قانىلىدا كەچ سائەت 21:48 دە قويۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى