تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا مەركەز كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئېشىش ‏نىسبىتى %20 تىن ئاشتى ‏

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ياچىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا مەركەز كارخانىلىرى داۋاملىق ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئالدىنقى ئىككى ئايدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشتى، تاپقان پايدىسى 206 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشتى.

  شياۋ ياچىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان 13-نۆەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىسلاھات تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي ۋە ئەمەلىي كەسىپلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017-يىلى سانائەت كارخانىلىرى %18.7 ئېشىش نىسبىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ئومۇمىي پايدا مىقدارىنىڭ %61.7 ىنى ئىگىلىگەن؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، مەركەز كارخانىلىرى پولات-تۆمۈر، كۆمۈر ساھەلىرىدە ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ئالدىن تاماملىغان؛ بۇنىڭدىن سىرت، مەركەز كارخانىلىرىنى قايتا تەشكىللەش ئۈنۈمى يەنىمۇ گەۋدىلەنگەن.

  «2017-يىلىدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆزلىمە نىشاندىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، ئۈنۈمنىڭ ئېشىش مىقدارى ۋە سۈرئىتى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يېتىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىش، مۇقىملىق ئىچىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى» دېدى شياۋ ياچىڭ، ئۇ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىللىق تەرەققىياتىغا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى