تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

زەخمىلەنگەن مۈڭگۈز قەۋىتىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك؟

    زەخمىلەنگەن مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز تېرىڭىزگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلاڭ، تېرىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇقلانغاندىلا يېڭىدىن ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەر تېز سۈرئەتتە يېتىلىپ، تېرىنىڭ مېتابولىزم ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغاندا زەخمىلەنگەن مۈڭگۈز قەۋىتى نورمال قېلىنلىقتىكى ھالەتكە قايتىدۇ.
    ئاپتاپتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. ئادەتتە، كۆپىنچە ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشتىن تارتىپ ئۆلۈشىكىچە بولغان دەۋرى 28 كۈن، مۈڭگۈز قەۋىتى ھۈجەيرىلىرىنىڭ دەۋرىمۇ ئاساسەن 28 كۈن. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە نەملىك ساقلاش، ئاسراش قاتارلىق ئۇل خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، سىرتقى مۇھتنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.
    ئاپتاپتىن ساقلانغاندىن سىرت، يەنە يازدا مۆتىدىل يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ، مۈڭگۈز قەۋىتى ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپلەپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
    نەملىكنى يىتەرلىك ساقلاش. سەزگۈر تېرىلەرنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى ئىنتايىن نېپىز بولغاچقا سۇنى يېتەرلىك ساقلاپ قالالمايدۇ. مەيلى يازدىكى سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان سالقىن ئۆي ياكى قىشتىكى قۇرغاق ھاۋادا بولسۇن، تېرىسى سەزگۈرلەرنىڭ تېرىسىگە تېخىمۇ سۇ يېتىشمەي قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا كۈندە نەملىك ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. تېرىسى سەزگۈرلەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك نەملىك ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە نەملىك ساقلاش يۈز چاپلىقىنى ئىشلىتىپ، تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىشىش ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەك.

    توغرا ئۇسۇلدا ئۇلنى ئاسراش. مۈڭگۈز قەۋىتى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىش. مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز بولسا پەسىل ئالماشقاندا تېرە ئاسان سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. دائىم پەرداز بۇيۇمى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەمدە پەرداز بۇيۇمىنى دائىم ئالماشتۇرىدىغانلارنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى تېخىمۇ نېپىز بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، نەملىكنى ساقلاش، ئاسراش خىزمىتىنى ئاز دېگەندىمۇ بىر ئاي داۋاملاشتۇرغاندا، مۈڭگۈز قەۋىتى تەبىئىي ئەسلىگە كېلىدۇ.
    قەرەللىك ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش. مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۆتىدىل ۋە ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋېلىنغان، تېرىنى غىدىقلىمايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە داۋالاش كېرەك. ئۇۋۇلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندىن سرت يەنە، تېرىنى قەرەللىك ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېرىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىن باشلاپ قەۋەت-قەۋەتلەردىكى ھۈجەيرىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك.

    ئۈستىقۇددۇس مېيى ئىشلىتىش. ئۈستىقۇددۇس تېرە راھەتلەندۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە، ئۈستىقۇددۇسنىڭ بۇ ئىقتىدارى بازاردا ئىسپاتلىنىپ بولغان. يەنە كېلىپ ئۈستىقۇددۇس مېيى تېرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇداپىئە مېخانىزمى، ئېممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، زەخىملەنگەن مۈڭگۈز پەردىسىگە نىسبەتەن تېرىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى ۋە جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.
    بابۇنە ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش. بابۇنە تېرىنى راھەتلەندۈرۈش ۋە تېرە ئەھۋالىنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. تېرىسى سەزگۈرلەرنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز بولغاچقا ئىنچىكە قىزىل تومۇرلار يۈزىدە روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بابۇنەدىن ياسالغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكەندە، بەلگىلىك دەرىجىدە نېپىز مۈڭگۈز قەۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە ئىنچىكە قىزىل تومۇرلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • گېرمانىيە كوماندىسى شىۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى
  • باركۆل ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان جايغا ئايلاندى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئېكسپېدىتسىيە ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ باھالاندى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى