تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئاۋۋالقى ئالامەتلەر

  ئاشقازان قىزىش. سوزۇلما ئاشقازان قىزىش، يېنىك دەرىجىدە كۆڭلى ئاينىش، ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئالامىتى ئىكەن. ناۋادا كىسلاتاغا قارشى رېئاگېنىت ئىشلىتىلسىمۇ بۇ ئالامەتلەردە ياخشىلىنىش بولماي، ئەكسچە تامىقى ئازىيىپ قورساق كۆپسە چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك ئىكەن.

   نەپەس تېزلىشىش. بۇ ئۆپكە راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، يۆتەل بىر قانچە ھەپتىگىچە ساقايمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرتۈش كېرەك ئىكەن.

  تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامىتى. كۆپىنچە راك كېسەللىكى بىمارى مەلۇم بىر مەزگىلىدە قىزىيدىكەن، بۇ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئورۇندىن باشقا ئەزاغا يۆتكەلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىكەن. لىمفا راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى تارقىلىشچان زۇكامدىن پەرقلەنمەيدىكەن، دائىم قىزىپ، بەدەن ئاغرىيدىكەن.

   بىلەك ئاغرىش. بىلەك ئاغرىقى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بارغانچە ئېغىرلىشىدىكەن، بۇ لىمفا ئۆسمىسىنىڭ نېرۋا تومۇرىنى بېسىۋالغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ يەنە ئۆپكە راكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ خىل ئاغرىق رېماتىزم ئاغرىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

   قورساق كۆپۈش. ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا قورساق كۆپۈش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپ نەرسە يېمىسىمۇ قورساق كۆپۈپ بىئارام بولىدۇ، بۇ ئەھۋال دائىم كۆرۈلسە، چوقۇم تەكشۈرتۈش كېرەك ئىكەن، چۈنكى قورساق كۆپۈش تۇخۇمدان راكىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

 سۈيدۈك قىستاپ كېلىش. ئەرلەردە سىيىش قىيىنلىشىش ئالامىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى مەزى بېزىدە مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن، ئېغىر بولغاندا، مەزى بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  چارچاش. بەدەن ئاجىزلىشىش، چارچاش ھەرقانداق راك كېسىلى بىمارىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ناۋادا ئۇيقۇ يېتەرلىك، بېسىم زور بولمىغان ئەھۋالدا يەنە دائىم چارچاش ھېس قىلسا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ بەدەن تەكشۈرتۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى