تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشتىكى تۆت ياخشى ئامال

ماتېرىيال سۈرەت

    توي قىلغىلى نەچچە ئون يىل بولغان نۇرغۇن پېشقەدەم مويسىپىتلار ئۆزلىرىنىڭ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشتىكى تۆت ياخشى تەجرىبە ۋە ئاماللىرىنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلدى. ئۇ پېشقەدەملەر شۇنىڭغا بىردەك قوشۇلىدۇكى، ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك نىكاھنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، تالاش-تارتىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى چوقۇم ئۆگىنىشى كېرەك. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىز چوقۇم قانداق ئۇرۇشۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئۇزۇن مۇددەتلىك نىكاھنىڭ سىرى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، پىكىر ئوخشاش بولمىغان چاغدا ئۆزئارا ئالاقىنى قايسى يوسۇندا يۈرۈشتۈرۈشتۇر.
    بىرىنچى ئامال: ئەگەر مەلۇم ئىشنى مۇزاكىرە قىلىپ بىرلىككە كېلىشىڭلار تەسكە چۈشسە، ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭلار.

    75ياشلىق گەررىي لوڭبو مۇنداق تەكلىپ بەردى: تالاش-تارتىشنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىش سىلەرنىڭ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلە ئۈستىدە پىكىر بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارغا پايدىلىق. نېمە مەسىلە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مېنىڭچە، سىلەر ئۆزۈڭلار ھەل قىلىشىڭلار مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنىدىغان ئاشۇ مەسىلىلەرنى ئۆيدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ سىرتتا مۇزاكىرە قىلساڭلار، بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدا، باغچا، ئاشخانا دېگەندەك جايلارنى ياكى پاراڭلىشىشقا ماس كېلىدىغان باشقا يەرلەرنى تاپساڭلار بولىدۇ. مانا بىز زۆرۈر تېپىلغاندا ھەمىشە مۇشۇنداق قىلىمىز. بۇ خىل ئامالنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر قەدەر ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى مەن ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، لېكىن بۇ ئامال راستلا كارغا كەلگەن.

  ئىككىنچى ئامال: سىز ئاۋۋال بىر ئامال قىلىپ ئاچچىقىڭىزنى ياندۇرۇپ تۇرۇپ، ئاندىن ھەمراھىڭىز بىلەن مۇزاكىرە قىلىڭ.

    73ياشلىق لېدىيە مەك كېئان خانىم كىشىلەرگە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەر-خوتۇنلار ئاچچىقلىنىپ تۇرغاندا، ھەر ئىككەيلەن بىر قەدەم چېكىنىش كېرەك، ھەرگىز ئاچچىقىدا قارار چىقارماسلىق كېرەك. تۆۋەندىكىسى لېدىيە مەك كېئان خانىم ئۆزى ئىجاد قىلغان بىر ياخشى ئامال: ھەر بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزئارا ھۆركىرىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىرەر ئامال تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرۇشى كېرەك. سالماق بولۇشقا چوقۇم تىرىشىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق سالماق بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا، سىلەر ھېلىقىدەك ھۆركىرەشلىرىڭلارنى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ياكى باشقا جانسىز نەرسىلەرگە ئىشلىتىپ، قانغۇچە ۋارقىرىۋالساڭلار بولىدۇ، سىلەر ئۇلارغا ھەرقانچە ۋارقىرىساڭلارمۇ، ئۇلار ھەرگىز سىلەرگە گەپ ياندۇرمايدۇ. بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغان، چۈنكى، سىلەر شۇ ئارقىلىق ئىچىڭلارنى بوشىتىۋالالايسىلەر.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى ئامال: ئىغۋاگەرچىلىككە دىققەت قىلىڭلار.

    بانسانتورىللى ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىر ئىشنى بايقىغان: يەنى، ئۇلار خەتەرلىك ھېس قىلغان بىر خىل سۆزلەش ئۇسۇلىنى چەكلەشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار شۇنداق دېدى: بىز بىر-بىرىمىزگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىققا كېلىشتۇق. بۇ ئامالنىڭ بىزگە ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور پايدىسى تەگدى. ئەگەر ئىغۋاگەرچىلىك ئەدەپ كەتسە، ناھايىتى تەس مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا بىز ئۇ يامان ئىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان ئىدۇق.

    تۆتىنچى ئامال: ھەمراھىڭىزنىڭ بىمالال پىكىر قىلىشىغا يول قويۇڭ.

    مارك مىنتون ۋە براندا مىنتون ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھەر ئىككىسىدە بىر خىل ئوبدان ماھارەت بار. ئۇ بولسىمۇ، ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى تىڭشاشقا ماھىر. بۇنىڭدا، بىر تەرەپ ئالدى بىلەن بەش مىنۇت ياكى ئون مىنۇت پىكىر بايان قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا سۆزلەش ۋاقتىنى ئىككى تەرەپ بېكىتسە بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، سۆزلەۋاتقان تەرەپ كەڭ-كۇشادە گەپ قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا يەنە بىر تەرەپ پەقەت ئاڭلاپلا ئولتۇرىدۇ. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، شۇ تەرەپ تاكى بىرىنچى تەرەپنىڭ گېپىنى قوللاپ، «توغرا، مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان» دەپ، ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنگە قەدەر، بىرىنچى تەرەپ ئۆز گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاڭلىغۇچى تەرەپ سۆزلىگۈچىنىڭ پىكرىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رول ئالماشتۇرىدۇ. يەنى، بايىقى ئاڭلىغۇچى تەرەپ ئەمدى سۆزلىگۈچى بولۇپ سۆز باشلايدۇ. بۇ خىل ئامال زىددىيەت ئەھۋالىنى پەسەيتەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى