تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تارتۇق نېمە ئۈچۈن ئاغرىيدۇ ھەم قىچىشىدۇ؟

    تارتۇق نېمە ئۈچۈن ئاغرىيدۇ ھەم قىچىشىدۇ؟ بۇنى تارتۇقنىڭ شەكىللىنىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىدىن تارتۇقنىڭ شەكىللىنىشىگىچە بولغان جەريان مۇرەككەپ ۋە تەرتىپلىك بىئولوگىيەلىك جەريان بولۇپ، ئاساسلىقى ياللۇغلىنىش مەزگىلى، ئۆسۈپ چىقىش مەزگىلى ۋە قايتا شەكىللىنىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئادەتتە قىچىشىش ۋە ئاغرىش ئەھۋاللىرى تارتۇق شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ؛ ياللۇغلىنىش مەزگىلىدىن ئۆسۈپ چىقىش مەزگىلىگە ئادەتتە 6~0 ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئۆسۈپ چىقىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان تارتۇق توقۇلمىلىرى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ فىزىكا ۋە خىمىيەلىك ئامىللىرىغا نىسبەتەن خېلىلا سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا سىرتقى مۇھىتتا ئازراق ئۆزگىرىش بولسىلا ئاغرىش، قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ كۆپ تەرلىگەندە ياكى ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئاغرىش ۋە قىچىشىش كۈچىيىپ كېتىدۇ.
    تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەندۈرسەك، بەدەن جاراھەتلەنگەنلىك سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بەدەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىسىتېمىسىنى قوزغىتىدۇ، ئارقىدىن ھەر خىل ياللۇغ ۋاسىتىچى ماددىسى، ھۈجەيرە فاكتورى، نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىدۇ ھەمدە تەرتىپلىك، مۇكەممەل تور سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ۋاسىتچى ماددىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ ياكى تالا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ياكى قان تومۇر ئىچكى تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى، يېڭى قان تومۇرلارنىڭ شەكىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئاغرىق ۋە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باشقا سەۋەبلەرمۇ ئاز ئەمەس، مەسىلەن: گىستامىن،P  ماددا، ئىپتىدائىي راك ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە گىستامىن بىلەن P ھۈجەيرە ئاغرىق، قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ تىپىك نېرۋا ۋاسىتىچى ماددىلار ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى