تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ۋاڭ يۇڭفېي، پىراكتىكانت سۈن يىياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىي بېكىتىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېڭدۇدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭنىڭ گوۋۇيۈەن يۆلەش- ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 22- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ باش شۇجى ئۆزى بىۋاسىتە تۇتۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىنتايىن كەسكىن، ئىنتايىن زور سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى، تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئەمەلىي نەتىجە بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىقلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە، «يەتتە بىر تۈركۈم» (يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يۆلەش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يۆلەش، يەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يۆلەش، چېگرا قوغدىغۇچىلىقىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يۆلەش، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يۆلەش، نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى يۆلەش، ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق بىر تۈركۈملىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش)گە، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش»(مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇش)قا، «ئىككى مۇھىم نۇقتا»(تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى)غا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي ياردەمنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدا يولغا قويۇپ ئەمەلىي ئۈنۈم قازىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى