تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سەپىرىگە يەنە ئاتلىنايلى

  ئىككى يىغىنغا نەزەر

  2018- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەشنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ھەمىشە مەسىلىگە يۈزلىنىش جەريانىدا قاينام- تاشقىنلىق مەنزىرە يارىتىدۇ. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۆنىلىش ئايدىڭ، يول ئېنىق بولدى، پەقەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى» دېگەن يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سەپىرىگە يەنە ئاتلىنىش»تەك ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى پەللىدە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرساقلا، چوقۇم يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن يۈرۈش قىلىدىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتالايمىز.

  ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

  ئىدىيەدىكى قاتماللىق، بىر ئىزدا توختىۋېلىپ بېكىنمىچىلىك قىلىش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ۋاڭ گاڭ مۇنداق قارىدى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەيدىغان ئىدىيە توسالغۇسى ۋە قاراش كىشىنىنى بۇزۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، سىستېمىلىق يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يول ئېچىشقا ۋە سىناشقا جۈرئەت قىلىش، باشلامچى بولۇش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ جانلىق بولغان ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ھەممە ئىش ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتىن باشلانغان.

  «ئىدىيەدە ئازاد بولمىساق، تۈرلۈك مەنپەئەتلەر مۇقىملىشىپ قېلىش مەسىلىسىنىڭ تۈگۈنىنى ئېنىق كۆرەلمەيمىز، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى تاپالمايمىز». مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مەمتىمىن قادىر مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى تېز ئۆرلىگەن، يېڭىلىق يارىتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىرگەن يېڭى نورمال ھالەتتە تەپەككۇرىمىز يەنىلا ئىلگىرىكى كونا يولدا توختاپ قالسا، چىقىش يولىمىز بولمايدۇ، ياخشى پۇرسەتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىمىز.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمىشە بىر- بىرىگە تۈرتكە بولىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە يېڭى «ئىسلاھات ۋاقتى»غا كىردى.

  مەمتىمىن قادىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە سىياسىي ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق پىلانلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئىسلاھاتنىڭ رامكىسىنى سىستېمىلىق ئورنىتىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، 360 زور ئىسلاھات لايىھەسى، 1500 دىن كۆپرەك ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا، «دەۋرگە يېتىشىۋېلىش»تىن «دەۋرگە باشلامچى بولۇش»قىچە بولغان تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى.

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بادمارا مۇنداق دېدى: 2017- يىلى ھۆكۈمەت تاپشۇرغان ئىمتىھان قەغىزى ئىنتايىن قالتىس بولدى، بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى نۇقسانلار تىرىشىپ تۈگىتىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، بۇ كىشىنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئەۋزەللىكى ۋە تەسىر ئۈنۈمىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا پائال يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ چېكى بولمايدۇ. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەزمەن ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاشتەك جاسارەت ۋە نىيەت بىلەن رامكىلارنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، تارماقلارنىڭ مەنپەئەت توسقۇنلۇقىنى يېڭىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھاۋا سۈپىتى، مۇھىت تازىلىقى، يېمەكلىك- دورا بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىنىڭ يەنە رازى بولمايۋاتقان جايلىرى بار. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېتەرسىزلىك مەۋجۇت، بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمايۋاتىدۇ...

  «خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھاتتا جاۋاب بېرىش كېرەك. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى مەقسەت پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش». ئەزا بادمارا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ئالقىش ئەڭ قىزغىن بولدى، بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتتىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەۋرگە جاۋاب بەرگۈچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك.

  بادمارا مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان ئىسلاھات، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىدىغان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىدىغان ئىسلاھاتتۇر.

  بادمارا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 39 تۈرلۈك ئىسلاھات نەتىجىسىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 34 تۈر مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ، ئىلگىرىكى خەلققە قولاي مۇلازىمەت زالى ئىسلاھات ئارقىلىق پۇقرالارغا تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ قاراتمىلىق مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى.

  ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. قاراماي شەھىرى تىپىك بايلىق تىپىدىكى شەھەر بولۇپ، تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش كېرەك.

  «دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتى يەنە يېڭى تارىخىي پەيتكە دۇچ كەلدى. گۈزەل نىشان ئالدىمىزدا، خەۋپ- خەتەر ۋە سىناقمۇ ئالدىمىزدا». مەمتىمىن قادىر مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر يېڭى ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشتىن يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقىچە، خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، روناق تاپقۇزۇشقىچە، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشكىچە بولغان جەرياندا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلدى. باشتىن- ئاخىر مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت زىددىيىتىنى ھەل قىلغىلى، كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان جاھىل كېسەلنى ساقايتقىلى بولىدۇ.

  ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ كەڭ نەزەر، تېخىمۇ يۇقىرى نىشان تەلىپى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، سودىنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مەزمۇنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يەنە تەكىتلەندى. ھەممە تەرەپلىرىدە ئەۋزەللىككە ئىگە شىنجاڭدا قانداق قىلىپ ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋە قاتلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟

  ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالدىن پىلانلاپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سالماق ماڭىدىغان، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  «بولۇپمۇ، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017- يىلىدا ئاپتونوم رايون مىقياسىدا دىققەتنى <بەشنى راۋانلاشتۇرۇش> تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، <بەش چوڭ مەركەز> قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى». ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: سانلىق مەلۇماتلار ئەڭ ياخشى ئىسپات: دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئېلان قىلغان 2017- يىلى مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، شەھەر قاتناشقان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىدە، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى.

  يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدا ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرى، 1000- قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئىتالىيەنىڭ ناپلېس شەھىرىگە باردى. جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈلگە تۈرى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىكى يېڭى نەتىجە. «ئېچىۋېتىشمۇ بىر چوڭقۇر ئۆزگىرىش. جۇڭگو ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇ، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىش كېرەك». مەمتىمىن قادىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپلىك، دەرۋازىلىق ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا يۈزلىنىپ، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشكە جەلپ قىلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

  يېڭى دەۋر، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شىنجاڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى!

  ( شى شىن، ياۋ تۇڭ، يۈەن لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.