جۇڭگو ئاخبارات تورى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان، جايلاردىكى ساقچىلار تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى قايتۇرۇپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى رازۋېتكا ئىدارىسى جايلاردىكى رازۋېتكا تارماقلىرىنى تەكشۈرۈپ زەربە بېرىشتا چىڭ تۇرۇش، نۇقتىلىق تۈزەش، ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەشنى تەڭ قەدەمدە چىڭ تۇتۇشقا تەشكىللەپ، تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىشتەك ھالەتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگەن.
ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى رازۋېتكا قىلىش، زەربە بېرىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، زەربە بېرىش ۋە تۈزەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپلا قالماي، كەسىپ زەنجىرىگىمۇ زەربە بېرىپ، تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىپ تۈزەش بويىچە يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. بىر تۈركۈم تەسىرى زور تىپىك دېلولار ۋە ئىلغار تەجرىبە ئۇسۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.
دېلو پاش بولدى، جىنايەت شايكىلىرى بىتچىت قىلىندى، كەسىپ زەنجىرى ۋەيران قىلىندى، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى قوغدالدى، ئەمما دېلونى پاش قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق، ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىشكە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ جىنايى ئىشلار رازۋېتكا تارماقلىرى دېلونى پاش قىلىش بىلەن ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەڭ چىڭ تۇتۇپ، «دېلو يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، دېلونى پاش قىلىش نىسبىتى ۋە ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» نى تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقى جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ نىشانى قىلىپ، «ئاۋامنىڭ زىيىنىنى قايتۇرۇپ كېلەلمىسە دېلونى پاش قىلمىغانغا باراۋەر» دېگەن خىزمەت ئىدىيەسىنى تىكلەپ، ھەر تەرەپتىكى بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدامچىلارنىڭ پۇلنى يۆتكەش ۋە ئېلىۋېلىش يوللىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، ھارام پۇلنى ئەڭ زور چەكتە قايتۇرۇۋېلىپ، ئاممىنىڭ ئالداپ كېتىلگەن پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بەردى.