شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە قۇياش پارلاپ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولدى. 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 قا يەتتى.
ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئىزچىل ئۆرلەپ كەلدى. ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ باشلىرىدىكى تېمپېراتۇرا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېقىنقى 30 يىلدىكى مۇشۇ مەزگىلدىكى تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە قىممىتى (℃5-) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل مۇشۇ مەزگىلدە ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئادەتتىكى يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ℃4.0 تىن ℃7.5 غىچە يۇقىرى بولغان.
بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى ئاز بولدى، 2-ئايدىن باشلاپلا، مەركىزىي شەھەردە سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى ئاز بولۇپ، 3-ئايدىن باشلاپ ھاۋارايى ئوچۇق بولدى، تېمپېراتۇرىمۇ مۇقىم بولدى.