ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى : «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ تەلەپ- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 20 مىڭغا يېقىن كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىنى دېھقان- چارۋىچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، 20 نەچچە مىڭ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى دولقۇنىنى قوزغىدى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى داۋامىدا، كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا بېيىش يولى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە ئۇچرىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى. ئىزدىشىپ ئۆتۈش، ھال- مۇڭ بولۇش، بىللە ئۇسسۇل ئويناش، بىللە ناخشا ئېيتىش، بىللە تاماق ئېتىپ يېيىش، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش، ئۆرپ- ئادەت ئۆگىنىش، تەجرىبە ئۆگىنىش، گۈزەل ئەخلاق ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھېسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.