تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا كېلەر ئايدىن باشلاپ مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ ‏

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى» 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، شىنجاڭدا مۇھىت ئاسراش بېجىنى قەرەللىك مۇددەتتە ھېسابلاپ تاپشۇرىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلار 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەلۇم قىلىپ باج تاپشۇرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى» نى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش، باج تۈزۈمىنى مۇقىم ئالماشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش بېجىنىڭ تۇنجى باج ئېلىش مەزگىلىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرىدىن 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3-باسقۇچتىكى ئارخىپ ماتېرىياللارنى يۆتكەش خىزمىتىنى تاماملاپ، 2017-يىلىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنىڭ بۇلغىما مەنبەسى ئاساسىي ئۇچۇرى، بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ئېلىش سانلىق مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا ساقلانما بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇشنى ھەم تاپشۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ، تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا، سېلىشتۇرۇشچانلىققا، ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك باج ئورگانلىرى مەلۇم قىلىش ۋاقتىنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كەسپىي تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش زالىدىكى خادىملار ۋە 1-سەپتىكى كادىرلارنى كەسپىي تەربىيەلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى موللاشتۇرۇپ، باج قانۇنى، نىزامى، يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىرى، جەدۋەل-كىنىشكىلىرى، يىغىپ باشقۇرۇش مەشغۇلاتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ، «ئۆگىنىپ چۈشىنىش، مەشغۇلاتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش بېجىنى مەلۇم قىلىش كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «سۇ، ئاتموسفېرا، ئاۋاز، تاشلاندۇق» تىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغانما ماددىلارنى تولۇق يوللاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى