تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىلىدۇ

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە يېقىندا «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش توغرىسىدا يولغا قويۇش پىكرى» نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش ھەققىنى بېرىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئىش ھەققى بېرىش سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلۇش ساھەسىدە قۇرۇلۇش خىراجىتىنى تارقىتىش بىلەن ئەمگەكچى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئەمگەكچىلەرگە ئىش ھەققى بېرىش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەرەپلەردە قوللىنىلىدىغان تەدبىر، مەسئۇل ئورۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىشتە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى ئەنگە ئېلىش جەدۋىلى، يوقلىما جەدۋىلى، ئىش ھەققى جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئەمگەكچىلەرنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن باشقۇرۇش ھېسابات دەپتىرى ئورنىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ ـ چىقىش ئەھۋالى، يوقلىما ئەھۋالى، ئىش ھەققىنى تارقىتىش ئەھۋالى ۋە ئەمگەك توختامى ئىمزالاش ئەھۋالىنى جانلىق ئىنكاس قىلىپ تۇرۇش بېكىتىلدى. قۇرۇلۇش قىلغۇچى كارخانا بىلەن دېھقان ئىشلەمچىلەر توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئاندىن قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىشى، توختامدا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى، ئىش ھەققى، ئىش ھەققىنى تارقىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ئېنىق بېكىتىلىشى، قۇرۇلۇشنى باش ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانا قۇرۇلۇشنى بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىنى نازارەت قىلىپ، توختامدا بېكىتىلگەن مەزمۇننىڭ قەتئىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قۇرۇلۇشنى باش ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانا بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانىغا ۋاكالىتەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىش تۈزۈمى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كارخانىلار دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بانكا ئارقىلىق تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. قۇرۇلۇشنى بۆ‌لۈپ ھۆددىگە ئالغۇچى كارخانا دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىش ھەققىنى تارقىتىش بانكا كارتىسى بېجىرىپ، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى تارقىتىش جەدۋىلى تۈزىدۇ. ئىش ھەققى كاپالەت پۇلى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، دائىرىسى ئىش ھەققىنى ئاسانلا نېسى قالدۇرۇش قىلمىشى يۈز بېرىدىغان باشقا كەسىپلەرگىچە تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى