ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى خەۋىرى. ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ئۆز-ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىدىغان بولدى. ئەنگلىيەدىكى 68 ياشلىق سۇزى گىرانتقا نىسبەتەن ئۆزىنى رەسىمگە تارتىش تۇرمۇشىدىكى ئايرىلماس بىر قىسىمغا ئايلانغان ئىدى، سۇزى ئەنگلىيەنىڭ بىرايتوندىن بولۇپ، 2013-يىلى بىلوگ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا تىزىملىنىپ، ئۆزىنىڭ مودا سۈرەتلىرىنى تورغا چىقىرىشقا باشلىغان، سۇزى گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ياشانغانلارنىڭمۇ مودا ئېقىم ۋە گۈزەللىكە ئىنتىلسە بولىدىغانلىقىنى تورداشلارغا نامايان قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، باشقا ياشانغانلارغا باشلامچى بولغان.
ئەنگلىيەدىكى 68 ياشلىق مودا موماي
مۇھەررىر:
رەنا دانىيار
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2018/03/10 19:07
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.