تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

تاماق يېيىشتىكى قائىدىلەر

    ئاتا- ئانىمىز تۇنجى ئۇستازىمىز، ئۇلار بىزگە يول مېڭىشنى، گەپ قىلىشنى، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. بۈگۈن ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ بىزگە تاماق يېگەن چاغدىكى ئۆگەتكەن يوسۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:

    بىرىنچى، چوڭلار ئۈستەلگە كەلمىگۈچە، كىچىكلەر ئولتۇرماسلىق، چوڭلار ئولتۇرغاندىن كېيىن  ئاندىن باشقىلار ئولتۇرۇش، ئورۇن جەھەتتىمۇ قائىدىگە دىققەت قىلىش كېرەك، چوڭلار تۆرىدە، كىچىكلەر تۆۋەندە ياكى ئىككى تەرەپتە ئولتۇرۇش.  

    ئىككىنچى، تاماق يېگەندە پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق، تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ تاماق يېمەسلىك، تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ يېيىش، سول قولدا قاچىنى، ئوڭ قولدا چوكىنى تۇتۇش كېرەك. ئەگەر سولخاي بولۇپ قالسا ئاغزىنى تاماق قاچىسىغا يېقىنراق ئەكىلىپ يېيىش، تاماقنى ئۈستەل ۋە يەرگە چىچىۋېتىشتىن ساقلىنىش.

    ئۈچىنچى، قورۇما يېگەندە ئامال بار ئالدىدىكى ئۆزىگە يېقىن قورۇمىنى يېيىش، قورۇمىنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈمەسلىك، تاللىماسلىق، چوكىغا قورۇمىنى ئازراق قىسىش كېرەك.

    تۆتىنچى، تاماق يېگەندە يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق، قاقاقلاپ كۈلمەسلىك، ئامال بار ئاز گەپ قىلىش، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن قاچا-قۇچىلارنى كۈچەپ يىغماسلىق، چىنە-قاچىلارنى ئۈستەلگە رەتلىك يىغىش كېرەك.

«بەيدۇ» تورىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېنىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى