تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش

    ئامېرىكىلىق پسىخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %96كە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت تەجرىبىخانىسىدا، مۇھەببەتتىكى ئەڭ ئەجەللىك بەش ئىشنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
    بىرىنچىسى: رەت قىلىش خاراكتېرلىك سوغۇق مۇئامىلە
    بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «سىز بۇنداق ئويلىسىڭىز، مېنىڭ ئامالىم يوق»،- دېيىش.
    مۇھەببەتلىشىشتىكى سوغۇق زورلۇق كۈچى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ناھايىتى گۆدەك بولغان شەخسىيەتچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدۇر. سوغۇق ئۇرۇشتىن باشقا، يەنە ھەمراھىغا بولغان سوغۇق مۇئامىلە، سەل قاراش ۋە روھىي زەربە بېرىشمۇ بار. بۇنىڭدا، سوغۇق ھالدىكى زوراۋانلىق ئارقىلىق مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە زىددىيەت توقۇنۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ئامىللار بار.
    ئىككىنچىسى: پىلىمۇت كەبى ئەيىبلەش
    بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ-سۆزلەر: «سىز نېمىشقا دائىم... »
    مەسىلەن:
    «نېمىشقا ئاچچىقىڭىز دائىم بۇنچە يامان؟»
    «نېمىشقا دائىم ئۇنداق ئىچىڭىز تار؟»
    «نېمىشقا دائىم بۇنچە بىپەرۋالىق قىلىسىز؟» دېگەندەك.
    بەزى زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا قارىتا، كۆپىنچە كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىزلا قارشى تەرەپنى ئەيىپلەپ كېتىدۇ. ئەيىپلەش بولسا، قارشى تەرەپنىڭ مىجەزىگە بولغان پاسسىپ باھالاش بولۇپ، ئۇ خىل ئۇسۇل مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ.

    ئۈچىنچىسى: ئومۇميۈزلۈك ھالدىكى كەمسىتىش
    بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «بولدىلا، سىزدىن يەنە نېمە ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟»
    مۇھەببەتتە مۇتلەق باراۋەرلىك بولمايدۇ، لېكىن، بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش جەريانى بولىدۇ. ئەگەر كۈچلۈك تەرەپتە ئاجىز تەرەپكە قارىتا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە كەمسىتىش خاھىشى پەيدا بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالدۇر. چۈنكى، كەمسىتىش ئادەتتە جۈپتىگە بولغان سەل قاراش ۋە جۈپتىنىڭ قىلغانلىرىغا كارى بولماسلىقتۇر. كەمسىتىش قىلمىشلىرى يەنە مەسخىرە قىلىش، تىللاش، دوراش ۋە ئالىيىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
    تۆتىنچىسى: قاتتىق ھالدىكى مۇداپىئە
    بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «بۇ مېنىڭ خاتالىقىم بولمىسا، بۇنى مەندىن كۆرسەڭ قانداق بولىدۇ؟»
    ئادەتتە مۇداپىئە كۆرۈشتىكى غەرەز بولسا، يېقىن مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن باھانە تېپىشىنى كۆرسىتىدۇ. باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر خىل تۇغما قابىلىيىتىدۇر. لېكىن، ئەگەر باھانە تېپىش ھېسسىياتتىكى بىر مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ قالسا، بۇ بەلكىم يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ ئاياغلىشىش سىگنالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    بەشىنچىسى: ئەزەلدىن ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرماسلىق
    بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «ھە نېمە دېدىڭىز؟ بايا نېمە دېگەنتىڭىز؟ يەنە بىر دەڭە!»
    گوتماننىڭ مۇھەببەت تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتتا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش نىكاھنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
    ئۇنىڭ تەجرىبىسىدە، بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ جۈپتىگە: تېز قاراڭ، دېرىزە سىرتىدا قۇش بار ئىكەن، دېگەندە، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئاكتىپ ھالدا ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال دېرىزە سىرتىغا قارايدىكەن، ئەمما بەزىلەر بولسا، داۋاملىق سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، گېزىتىنى كۆرۈۋېرىدىكەن. ئالتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گوتمان شۇنى بايقىغانكى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلار ئىچىدىكى پەقەت %33 كىشىلا ئەينى ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە پائال ئىنكاس قايتۇرغان. تېخى ئاجراشمىغان ئەر-خوتۇنلار ئىچىدە %87 كىشى ئەينى ۋاقىتتا دېرىزىنىڭ سىرتىغا دەرھال قارىغانلار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى