تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بوۋاقلارنىڭ سۇ ئىچكىلى ئۇنىماسلىقىنىڭ سەۋەبى

    بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبلىك، نۇرغۇن بوۋاقلاردا ئېغىز قۇرۇش، كىچىك تەرەت ئاز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ئانىلار بوۋاقلىرىغا قايسى ۋاقىتتا سۇ ئىچكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما بەزى بوۋاقلار سۇ ئىچىكىلى ئۇنىمايدۇ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
    بالىلارنىڭ كالتسىي تولۇقلاش مەھسۇلاتىنى خاتا تاللاش: بوۋاق مەزگىلى بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسى يېتىلىشىنىڭ ۋە تەم مايىللىقى شەكىللىنىشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ۋە مەھسۇلاتنىڭ تەمىنى ياخشى تاللىمىغاندا شۇنداقلا ھەر خىل تەمدىكى ۋە بەك تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك بالدۇر يېگۈزگەندە، بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قايناقسۇ ئىچكۈسى كەلمەيدىغان، ئەكسىچە ھەر خىل كۈچلۈك تەمدىكى باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئامراق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.

    ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھېسابلىماسلىق: قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ بەدىنىدىكى سۇنىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %60 نى ئىگىلەيدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇنىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %75 ىنى ئىگىلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇشى تېز بولغاچقا، سۇغا بولغان ئىھتىياج قورامىغا يەتكەنلەردىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، قورامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا تەخمىنەن 30 مىللىلىتىردىن 40 مىللىلىتىرغىچە سۇغا ئىھتىياج بولىدۇ، بالىلار بولسا ھەر كۈنى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 12 مىللىلىتىردىن 15 مىللىلىتىرغىچە سۇغا ئىھتىياج بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاپ، ھەر كۈنى ئىلمىي ئۇسۇلدا بالىلارغا سۇ ئىچكۈزۈش كېرەك. ئەمما بىر قېتىمدىلا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچكۈزۈشتىن ياكى بىر كۈنى كۆپ ئىچكۈزۈپ، بىر كۈنى ئاز ئىچكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى