ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھەر نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» روھىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مۇشۇ كەنتتىكى بېيىش ماھىرى مېھرىگۈل مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم دۆلەتنىڭ مۇھىم يىغىنلىرى ئېچىلغاندا تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ ناھايىتى ئەستايىدىل كۆرىمەن. دۆلىتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر مېنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ، تېخىمۇ پەخىرلەندۈرىدۇ، بۇ قېتىم زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىيلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىندىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم پەقەت بىز تىرىشساقلا تۇرمۇشىمىز بۇنىڭدىنمۇ ياخشىلىنىدۇ.