تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  بۈگۈن 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، بۇ كۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۈچۈن خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان كۈن. بۇلتۇرقى بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى يوقلاپ، قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان كونكرېت تەلىپى ۋە سەمىمىي تىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ خەلقچىللىق ئىستىلى ۋەكىللەرنىڭ مېڭىسىدە چوڭقۇر ئورنالدى، باش شۇجىنىڭ خەلقنى سۆيۈش مۇھەببىتى، خەلقنى ئويلاش خىسلىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرقاتار ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، ئۆز قولى بىلەن ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن تەبرىك بېغىشلىمىسى يېزىپ بەردى؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى پارتكومىنى خۇددى ماگنىتتەك يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى؛ كۇچالىق ‹‹كەشتىچى ئاچا – سىڭىللار›› قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى؛ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يۇرتداشلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى... باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ.

  مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندىلا قۇدرەت تاپقىلى بولىدۇ. باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى. بۇلتۇرقى ‹‹ئىككى يىغىن››دىن ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تەلىپى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك جانلىق مەنزىرىلەر شىنجاڭ زېمىنىدا نامايان بولدى.

  مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. باش شۇجى: مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ھەققانىيەت ساداسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراتتى. پۈتۈن شىنجاڭدا مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز تارماق، مۇقىملىققا مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلى ھاسىل قىلىندى.

  تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ قەدەم قويدى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ‹‹سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ئاستىراق بولسىمۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھەرگىز قۇربان قىلماي، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ قەدەم قويدى، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىلدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىندى.

   خەلق تۇرمۇشى خەلق قەلبىگە تۇتىشىدۇ. باش شۇجى: ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دېدى. ئاپتونوم رايون قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى يولغا قويدى، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇردى، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى پۇختىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى زور بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، ئىناق، بەختلىك يېڭى مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئىتتىپاقلىق ـــ كۈچ. باش شۇجى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى، دېدى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ – قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولىدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى يولغا قويۇلۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن دوستلۇق مۇھەببىتى زور دەرىجىدە قويۇقلاشتۇرۇلدى، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش›› ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

  باھار شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ئاق ماگنولىيە گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى. ‹‹شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭغا يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەرمىللەت ئاممىنىڭ قەلبى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر زىچ، چەمبەرچاس باغلانغان، ‹‹يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!›› بۇ يىل مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئىپادىلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ۋەتىنىمىز قوينىدىكى شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، باش شۇجىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى