تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دۆربىلجىن ناھىيەسى گۈزەل ناھىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردى

  ئۆز خەۋىرىمىز: ئىككى يىلدىن بۇيان، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر رايونىدا گۈل تېرىش يىللىق كۆلىمى 43 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن. دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر يۇرت-ماكان گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش، كۆكەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۆكەرتىش ئۈنۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆربىلجىن ناھىيەلىك باغ-ئورمان كۆكەرتىش باشقۇرۇش باشقارمىسى يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، « شەھەر باغچا ئىچىدە، باغچا ئورمان ئىچىدە، يېشىل سۇ، كۆك ئاسمان » بويىچە ئېكولوگىيەلىك باغ-ئورمان شەھىرى يېڭى نىشانىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، 30 نەچچە خىل سورتتىكى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق گۈل كۆچىتىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە چىڭ تۇتۇپ، 5-ئايدا شەھەرنى گۈل بىلەن بېزەش خىزمىتى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، ساياھەتچىلەرگە دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى