تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنى لوڭقا قويۇپ، سىيرىپ داۋالاشقا بولامدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    خېنەن ئۆلكىسى جىڭجۇ شەھىرىدىكى ئوقۇرمەن لى خانىم: بالام يەسلىنىڭ ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇيدۇ، يېقىندا دائىم زۇكامداپ، قىزىۋاتىدۇ، سىيرىپ داۋالاش ۋە لوڭقا قويۇش پايدىلىقكەن، دەپ ئاڭلاپ، بالامنى ئۆيىمىزگە يېقىن شىپاخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتىم. بالىنىڭ دۈمبىسىنىڭ قىزىرىپ قان ئۇيۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دادىسى ئىككىمىزنىڭ بەكلا ئىچىمىز ئاغرىدى. بالا بۇنداق كىچىك تۇرسا سىيرىپ داۋالىسا ۋە لوڭقا قويسا بولامدۇ؟

    خېنەن ئۆلكىسى جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لۈ پېيۋەن: ئەگەر بالىدا چاچ قۇرغاقلىشىش، چاچ پارقىراقلىقىنى يوقىتىش، تىلى قىزىرىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھۆل ئىسسىق، يېمەكلىك سىڭمەسلىك، قان ئويۇپ قېلىش مەسىلىلىرى كۆرۈلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئاشقازان پەللىسىنى سىيرىپ داۋالاتسا بولىدۇ. ئاشقازان پەللىسىنى سىيرىپ داۋالىغاندا ئاشقازان ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ، ئاشقازان كاۋىكى ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، قورساق غۇرۇلداش قاتارلىق ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سىيرىپ داۋالاشتا سىيرىش ئۇسۇلىمۇ بەك مۇھىم.

ماتېرىيال سۈرەت

    لوڭقا قويۇپ داۋالاش مەنپىي بېسىم پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك ئورۇنغا قان تولدۇرۇش ئارقىلىق، قاننى جانلاندۇرۇشنى  مەقسەت قىلىدۇ، لوڭقا قويۇش ئارقىلىق يەنە يىرىڭلىق ئىششىقنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.  ئەگەر بالىغا شامال تېگىپ قالغان بولسا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ لوڭقا قويدۇرسا بولىدۇ، ئەمما ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك. دوختۇر بالىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆيىدە بالىغا لوڭقا قويۇشىنى ئادەتتە تەۋسىيە قىلمايمىز. قان كېسىلى، تېرە ياللۇغى ۋە قان زەخمىلىنىش كېسەللىكى بارلار لوڭقا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ،قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغىمۇ لوڭقا قويۇپ داۋالاش ماس كەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى