تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەيلى

 ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تارىخىي ۋەزىپە، يېڭى دەۋردىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تۇتقىسى››.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەتكە كېلىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش زور تەدبىر بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى جاڭ چېڭيى مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنى ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەرقايسى ساھەلەر ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، يىرىك پىلان تۈزۈشتە ئەلدىن ئەقىل سوراپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىدا ھەممىنى بىر قېلىپقا چۈشۈرۈۋالماي، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئاساسىنى تولۇق قېزىپ چىقىش ئارقىلىق كەنتلەرنى ياشاشقا باب كېلىدىغان، ئادىمىيەت مەزمۇنىغا باي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنى يېزا – كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يارقىن ئاساسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم يې خەيلۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش – بولماسلىقى، يېزىلارنىڭ گۈزەل بولۇش – بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش – بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەرىجىسىنى ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى دېھقانلارغا كەلگۈسىدىكى يېزا تەرەققىيات گۈزەل پىلانىنى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، ‹‹كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇش›› ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چۆرىدەپ، كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە تىرەك بولۇپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل يۇرت – ماكانغا ئايلاندۇرىمىز.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەردە قېلىشنى، يۇرت – ماكان قۇرۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنى خاتىرجەم قالدۇرۇپ قېلىپ، تاغلىق رايونلارغا ۋە يېزىلارغا بېرىشنى، يېزا – كەنتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنى خالايدىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ ئىشەنچ بېغىشلاپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزىدىكى كەڭ زېمىندا ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، تالانتىنى نامايان قىلىشقا، ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغان ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى) يەسلى مائارىپى ئىنستىتۇتى بالىلار ئوقۇتۇش – تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى كىشىنى تولىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى نيې جاۋيۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەر قەلبىگە ياقىدۇ! يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە، ئىختىساسلىقلاردا، يېزا – كەنتلەردە ئىختىساسلىقلار، يەر، مەبلەغ، كەسىپ توپلاشقان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشتە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇل خىزمەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى بېيىتىمىز.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ھەم ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا ھەم ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1 – شى 13 – تۈەن 11 – ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى يۈرىكىمىزدىكى سۆزنى قىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياخشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىشتىن غەم قىلمىساقمۇ بولىدىغانلىقىنى، سۈپىتى ياخشى مەھسۇلاتنىڭ دېھقانلارغا نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ھەم ياخشى يولغا قويىمىز. دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە ئۆلچەملىك تېرىشكە تايىنىپ، پىششىقلاش بىلەن سېتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا، نامرات دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز.

  بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى قارادۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قالىن بېك مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ياخشى ئېكولوگىيەنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايانچ نۇقتىسى قىلىشىمىز كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى. بىز جەزمەن دېھقانلار ئۈچۈن خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك يۇرت – ماكان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش مۇھىت سۈپىتى ۋە كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. قەتئىي بوشاشماي يېشىل يولدا مېڭىپ، دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتىمىز، يېزىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى جىمىسار ناھىيەسى جىمىسار بازىرىدىكى كادىرلار، ئاممىنى ھاياجانغا سالدى. بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ شياۋبو مۇنداق دېدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يېڭى دەۋردىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى. بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۇنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

   باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە باي بازىرى شەھەرلىك مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 – شۇجىسى گۈلجەمىلە ھامۇت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ دېھقانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا – كەنتلەردە مەدەنىي يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانى بويىچە، يۇرتداشلارنى يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ باي، تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيمەن.

  (لى ياڭ، جاۋ جىيۈن، چېن چياڭۋېي، يۈەن لېي، چېن چېن، جاۋ چۈنخۇا، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ فا، خۇ يۈپىڭ، دۈەن سۇسۇ، يۈ لى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى