تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى ئېلىش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. 3-ئاينىڭ باشلىرىدا تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ھاۋا تەدرىجىي ئىللىيدۇ. بارغانسېرى تېز ۋە قولايلىشىپ كېتىۋاتقان يېزا ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش مۇلازىمىتى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلايدىغان ۋە تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دېھقانلىرىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا پۇختا تەييارلىق كۆرگۈدەك شارائىتقا ئىگە قىلدى.
    سۇ ۋە تۇپراق شارائىتى ئەۋزەل بولغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىۋە ئاپتونوم ناھىيەسى شىنجاڭدىكى داڭلىق «ئاشلىق ئامبىرى»، شۇڭا يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك پۇل مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار ئورگانلار قەرز ئېلىش رەسمىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى قىسقارتتى ھەمدە باھالىنىپ ئىناۋەتكە ئېرىشكەن دېھقانلارغا «يېشىل كارىدور» ئېچىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى باشلاش ۋە تېرىلغۇغا تەييارلىق كۆرۈش قەرزىنى تېز بېرىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
    چاپچال ناھىيە سۇنجاچى يېزا نېرۇ بازىرىدا يەرلىكتىكى ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش خادىملىرى دېھقانلار كەچلىك مەكتىپىگە قەرەللىك كېلىپ تەشۋىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىسى مەمەت ئىمىنجان تېخىمۇ قولاي ۋە تېز بولغان «يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى» مەھسۇلاتى بىلەن تونۇشتى، بۇنىڭغا كىملىك قاتارلىق زۆرۈر ماتېرىياللارلا كېتىدىغان بولۇپ، ماتېرىياللارنى تولدۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن قەرز پۇلىنى شۇ كۈنىلا ئالغىلى بولاتتى.
    سۇنجاچى نېرۇ ئىناۋەتلىك كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى جاڭ شۆخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى» دا ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئالىدىغان كىشىلەرگە بىر قېتىم بەرگەن ئىناۋەتنى ئايلانما ئىشلىتىش، لازىم بولغان ھامان قەرز ئېلىشتەك سىياسەت قوللىنىلىپ، ئۈچ يىللىق توختام بىر تۈزۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ يۈەن ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ، قەرزنى ئىشلەتمىسە ئۆسۈمى چىقمايدۇ.»
    يېزا ئىگىلىك ئىناۋەتلىك قەرزى ئېلىشقا ۋاقىت ۋە كۆپ كۈچ كېتەتتى، ھازىر پۇل لازىم بولغان ھامان ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالالايمىز، ئىشلىرىمىز بۇرۇنقىدىن كۆپ قولاي بولۇپ كەتتى،-دېدى خالمەمەت ئىمىنجان. «يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى» يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، سۇنجاچى يېزىسىنى قاپلاش نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كەتتى.
    قولىدا مەبلەغ يېتەرلىك بولغانلىقتىن خالمەمەت ئىمىنجاننىڭ قەلبى ئىشەنچكە تولدى. بۇ يىل ئۇ ئېتىزدا ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم مېۋە كۆچەتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ياۋا شاخلىرىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن سېتىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. بۇ قەرز پۇلنى مەن ئەڭ ئېھتىياجلىق يەرگە ئىشلىتىمەن،-دېدى خالمەمەت ئىمىنجان قولىدىكى 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلىغاچ.
    جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي  تارماق بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2017-يىلى 11-ئايدىن بۇ يىل 2-ئايغىچە شىنجاڭدىكى يېزا ئىناۋەتلىك قەرز كوپىراتىپى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاش ۋە تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش قەرز پۇلىدىن جەمئىي 32 مىليارد 340 مىليون يۈەن تارقىتىپ، دېھقانلار قەرز پۇلىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتىنى %62.8 كە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.2 ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت دېھقانلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاش ۋە تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەبلەغ قەرز ئېھتىياجىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى