تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

مۇنداق ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ

    كالپۇك ياللۇغى بار ئاياللار. كالپۇك ياللۇغى بار ئاياللار لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكى كېرەك. كالپۇك ياللۇغىنىڭ ئاساسلىقى لەۋ قۇرغاقلىشىش، لەۋ تېرىسى چۈشۈش، لەۋ سىزىقلىرى روشەنلىشىش، لەۋ قىزىرىپ ئىششىش، لەۋدە دانچىلار پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى بولىدۇ. كالپۇك ياللۇغى بار ئاياللار تامامەن ساقىيىپ كېتىشتىن ئىلگىرى لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كالپۇك ياللۇغى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

    پەرداز قىلمايدىغان ئاياللار. ھازىر توردىكى نۇرغۇن بلوگ ئىگىلىرى لەۋ سۇرۇخلارنى تونۇشتۇرغاندا ياكى تەۋسىيە قىلغاندا پەردازسىز ھالەتتىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دەيدۇ. ئەمما بۇ يەردە ئېيتىلغان «پەردازسىز ھالەت» تېرىڭىز ئاق ھەم نۇرلۇق بولسا ياكى سۇس پەرداز قىلغان ئەھۋالدا لەۋ سۇرۇخ سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېرىڭىز سارغۇچ، خۇنۈك بولسا پەرداز قىلماستىن لەۋ سۇرۇخ سۈرۈۋالسىڭىز ئىنتايىن كۆرۈمسىز كۆرۈنۈپ قالىسىز.

    لىۋىنى ئاسرىمايدىغان ئاياللار. ئەگەر لىۋىڭىز يېرىلىپ، تىرىسى چۈشكەن بولسا ياكى لەۋ سىزىقلىرىڭىز روشەن بولسا، يەنىلا لىۋىڭىز سىلىق، يۇمران ھالەتكە كەلگەندە ئاندىن لەۋ سۇرۇخ سۈرۈڭ. ئەگەر لىۋىڭىز يېرىق ھالەتتە تۇتۇق لەۋ سۇرۇخ سۈرسىڭىز چىراي گۈزەللىكىڭىزگە تېخىمۇ تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا لىۋىڭىز يېرىق ھالەتتە لەۋ سۇرۇخ سۈرمەسلىكىڭىز كېرەك. ئەگەر زۆرۈر بولسا ئالدى بىلەن لەۋ ئاسراش سۇرۇخى سۈرگەندىن كېيىن ئاندىن لەۋ سۇرۇخ سۈرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى