يەرشارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رۇسىيەنىڭ سانتپېتىربۇرگتىكى 44 ياشلىق چېنىقىش تىرېنېرى ئولگا دېمىدوۋا 1.5 مېتىر كېلىدىغان چېچىنى تورداشلارغا نامايان قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ چاچ ئاسراش ئۇسۇلىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقان.
2012-يىلىدىن ئىلگىرى ئولگا گەرچە ئۇزۇن چاچ قويغان بولسىمۇ، ئەمما چاچ ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن. بىر كۈنى ئۇ بىر ماقالىدە ھەممە ئادەمنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇن ئۆسۈۋەرمەيدىغانلىقى، چاچ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئولگا ئۆزىنىڭ چېچىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا ئۆسەلەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەت چېچىنى ئاسراشقا باشلىغان.
ئولگا چېچىنىڭ تېزرەك ئۆسۈشى ئۈچۈن ھەر يىلى ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۈچ سانتىمېتىردىن بەش سانتىمېتىرغىچە كېسىپ تۇرغان، ئۇ يەنە چاچ ئاسراشتا ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم چاچ يۇيۇش، ئەڭ مۇھىمى ھەرگىز قىزىق سۇ بىلەن يۇماسلىق، چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغان.