تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟

ماتېرىيال سۈرەت

    تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش ھەمىشە ئويلىغىنىڭىزدەك شېرىن بولىۋەرمەيدۇ، كۆنۈش مەزگىلىدە ئەر-خوتۇننىڭ ئارازلىشىپ قېلىشى نورمال. ئەمما بەزىلەر كىچىك ئىشلاردا قارشى تەرەپكە يول قويماي، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئەر-خوتۇن ماي تارتىشىپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟
    ماي تارتىشىپ قېلىش ۋاقتى بەك سوزۇلۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
    ئۇرۇشۇپ قېلىپ ماي تارتىشىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بولمىسا ئەر-خوتۇننىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنداق بولىۋەرسە ئەر-خوتۇننىڭ گەپ قىلىشماسلىقى ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. قارشى تەرەپ سىزگە ئىگىلىشنى خالىمىسا، كەڭ قورساق بولمىسا، گەپ قىلىشماي ئۆتۈۋېرىش كېرەكمۇ؟ بىر تەرەپ قارشى تەرەپتىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنسە ئادەت خاراكتېرلىك ماي تارتىشىش زوراۋانلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنى ئوڭشىمىقىڭىز تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
    كونا خاماننى سورىماسلىق كېرەك.
    ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات! ئۇرۇشۇپ قالغاندا نېمە ئىش يۈز بەرگەن بولسا شۇنى مۇنازىرىلىشىش، ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالماسلىق كېرەك. بولمىسا تۈگمىدەك ئىش تۆگىگە ئايلىنىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھېسسىيات داۋاملىق ئاسراشقا موھتاج.

ماتېرىيال سۈرەت

    كۆڭلىدىكىنى ئېنىق ئېيتىش لازىم.
    ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا مەخپىيەتلىك بولمايدۇ. ئۇرۇشۇپ قالغاندا نارازىلىقلىرىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتماي ئېنىق ئېيتىڭ. چۈنكى سىز كۆڭلىڭىزدىكىنى ئېنىق ئېيتقاندىلا ئارام تاپالايسىز، بولمىسا بۇ قېتىم يارىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، كېيىنكى قېتىم يەنە شۇ ئىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
    ھەر ئىككى تەرەپ خاتالىقنى ئۆزىدىن كۆپرەك ئىزدىشى كېرەك.
    ئەر-خوتۇن ئازارلىشىپ قالغاندا كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قالايمىقان ئەيىبلەۋېرىشكە بولمايدۇ. بۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانغا باراۋەر. ئەمەلىيەتتە خاتالىقنى كۆپرەك ئۆزىدىن ئىزدەپ، ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك. بۇ، جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.
    ئۆينىڭ ئىشىنى ھەممە يەرگە يېيىپ يۈرمەسلىك كېرەك.
    كونىلار ئۆينىڭ ئىشىنى سىرتقا يايماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتقان، بولمىسا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭلا ئەمەس پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭلىق بىلەن ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ غەيۋەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدىغان گەپ. بەزى ئاياللار ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، باشقىلارغا ئېيتىپ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەر-خوتۇن ئۇرۇشۇپ قالغاندا بەزىدە يېقىن دوستلىرىغا ئېيتىپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىش خاتا ئەمەس، ئەمما بۇنىڭدا ئادەمنى توغرا تاللاش، ئاغزى چىڭ، توغرا مەسلىھەت بېرەلەيدىغانلاردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى