تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7195 يۈەن بولدى

ماتېرىيال سۈرەت

    «ئاسىيا كىندىكى» تورى خەۋىرى: 2-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆينىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 7195 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.42 ئۆرلىگەن. يېقىندا مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئۆي-زېمىن سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاپپاراتى __ «يۈنفاڭ» سانلىق مەلۇمات تەتقىقات مەركىزى مەملىكەت بويىچە 100 شەھەردىكى نىمكەش ئۆي باھاسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى 7195 يۈەنلىك باھا بىلەن تىزىملىكنىڭ 74-قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۈچ بالداق يۇقىرىغا تىزىلدى.
    سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى 100 نۇقتىلىق شەھەردىكى نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ ئومۇمىي سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.61 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشكارا باھا قويۇش مىقدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرما نىسبىتى 45.65 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.
    نىمكەش ئۆي باھاسى رەت تەرتىپىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نىمكەش ئۆينىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى مەملىكەت ئىچىدىكى 100 شەھەرنىڭ ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشكارا باھا قويۇش مىقدارى ئارانلا 518 يۈرۈش بولۇپ، 1-ئايدىكىدىن %68.55 تۆۋەنلىگەن. شىنجاڭ «لىتۇڭ» نىمكەش ئۆي ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى دېڭ خۇينىڭ قارىشىچە، 2018-يىلى ئۈرۈمچىدە يېڭى ئۆي، نىمكەش ئۆيلەردە 2017-يىلىدىكى ھالەت داۋاملىشىپ، ئومۇمەن مۇقىم بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى