تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

دۇنيا بويىچە 16 ياشلىق بالىلار ئارىسىدىكى ئەڭ ئېگىز بالا

  يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى 16 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.20 مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شۇ ياش باسقۇچىدىكى ئەڭ ئېگىز بالىغا ئايلانغان.

  16 ياشلىق بىراندون مارچال ئەنگلىيەنىڭ سۇففولكتىن بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئېشىپ، يەرلىك تاراتقۇلاردىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئەمما بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بىراندون يەنە 12 سانتىمېتىر ئۆسۈپ، دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

  بىراندوننىڭ بوي ئېگىزلىكى 13 يېشىدا 1.80 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇ بويى ئېگىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم دۆلەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقە كوماندىسىغا بېرىپ مەشىق قىلغان، نەتىجىدە ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋېلىش ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللانغان.

  ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك، گەرچە بىراندون ئارزۇسىدىكى كوماندىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بويى زىيادە ئېگىز بولغاچقا، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئاياغ سېتىۋېلىشمۇ تەسكە توختىغان.

  ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە پەقەت بىراندوننىڭ ئاچىسى 1.67 مېتىرلىق نورمال ئېگىزلىكتە بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكىسى بىراندونغا ئوخشاشلا ئېگىز بويلۇقلاردىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى