تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئوشۇق ئىششىشنىڭ سەۋەبى

    كالىي بەدەندىكى قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىق-ئىشقارلىقىنى تەڭشەپ، بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە ئوسموس بېسىمىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئېلېمېنت.
    ئۇزۇن مەزگىل كالىي كەم بولسا يۈرەك رېتىمسىز سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كۆپ ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندىكى سۇ كۆپلەپ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭ كالىي ئىيونىمۇ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىپ ئاسانلا پەي تارتىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل كالىي كەم بولسا بەدەن ئىششىيدۇ ۋە ئىششىش ئەھۋالى ئوشۇقتا ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
    ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بانان يېسە كۆپ مىقداردا كالىي تولۇقلىغىلى، پەي تارتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى بەلگىلىك مىقداردا كۆكتات ۋە مېۋە يەپ بەرسە كالىينى يېتەرلىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى