تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىز ئۆگىنىشنى خالىمىسا قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بىرىنچى، بالىڭىزغا ئۆگىنىش ئېلىپ كېلىدىغان مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۆگىنىشتە دائىم مەغلۇب بولىدىغان بالىلار مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلالمىغاچقا، كۆپىنچە تىرىشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بالىڭىزغا بەزى ئۆگىنىش مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇزۇڭ، مەسىلەن: بالىڭىزغا ئىشلىيەلەيدىغان بىرقانچە ئاددى مەسىلىلەرنى بېرىڭ، ئاندىن بالىڭىزنىڭ ئەقىللىقلىقىنى ماختاڭ ياكى مۇۋاپىق ماددىي بۇيۇم بىلەن تەقدىرلەڭ، موشۇنداق قىلغاندا بالىڭىز ئۆگىنشىتىن خۇشاللىق تاپالايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە سوئاللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاستا- ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈڭ. بۇ «سۇس ئوتتا پاقا قاينىتىش» جەريانى بولۇپ ئاتا-ئانىلار سەۋرچان بولۇشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى، بالىڭىزغا ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆگىتىڭ. بالىڭىزغا دائىم ئۇنىڭ ئەڭ قالتىس ئىكەنلىكىنى، باشقىلاردىن ياخشى قىلىدىغانلىقىنى، پەقەت قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىڭ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر نىشان بېكىتىپ، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىشىنى ئېيتىپ، ئۆزىگە ئىجرا قىلغۇزۇڭ. ئاخىرىدا نىشاننى تاماملىغاندا بالىڭىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، تەقدىرلىسىڭىز بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەملىشىڭ. ئەگەر بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ياكى چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، دەل ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنىڭ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ھەمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى بىلەن مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قاراتمىلىق ھالدا ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، «بالىڭىز ئۆگىنىشنى خالىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن بۇ مەسىلىدە بالىڭىزنىڭ جاپالىق ئۆگىنىش، ئۆگىنىشتىن زېرىكىش  ھالىتىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنىش، ئۆگىنىشنى خالايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ماھىرلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك.     

    تۆتىنچى، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، بالىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئويىنى چۈشىنىڭ. مۇھىت، مىجەز، جىنس پەرقى سەۋەبىدىن ھەربىر بالا ئوخشاش بىر مەسىلىگە ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئاتا-ئانىلار بىر تەرەپتىن، بالىنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى ۋە قىلمىشى ھەمدە يۈرۈش-تۇرۇشىغا قاراپ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇڭدىشىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىنىڭ قەلب ئەينىكىنى ئېچىش، بالىنى ئاتا-ئانىلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىدىغان قىلىش كېرەك. ئاندىن بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، چارە قوللانسا بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇپ، بالىڭىزغا ياخشى بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىڭ. بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن «مەكتەپ-ئۆي»ئارىسىدىلا پائالىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، سەل مەنىسىز ھېس قىلىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە پائالىيەت بوشلۇقىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ قىزىقىشى، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنى، ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، بالىنى خىلمۇخىل مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، بالىنىڭ بېسىمسىز، خۇشال-خورام مۇھىتتا ئۆگىنىشىگە ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى