تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   جاھان يېڭىلىقلىرى

ياۋروپالىق بىر قىز دېڭىزدىن لەيلەپ كەلگەن ئەڭ بۇرۇنقى بوتۇلكىنى بايقىدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى، ئەلمىن ۋە ئۇنىڭ بىر ئائىلە كىشىلرى، دوستلىرى ئاۋىستىرالىيە پېرت شەھىرى شىمالىدىكى بىر ئارالدا ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان مەزگىلدە قۇم ساھىلىدىن ئىچىگە خەت يېزىلغان بوتۇلكىنى بايقاپ قالغان، خەتنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا بۇ بوتۇلكا 1886-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى گىرمانىيە پاۋۇللا نومۇرلۇق يەلكەنلىك كېمىدىن غەربىي ئاۋىستىرالىيە دېڭىز قىرغىقىدىن 950كىلومېتىر ئارلىقتىكى دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگەن ئىكەن. 132يىلدىن كېيىن بايقالغان بۇ بوتۇلكا بولسا دۇنيادا ھازىرغا قەدەر بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى دېڭىزدىن لەيلەپ كەلگەن بوتۇلكا ھېسابلىنىدىكەن. ئەلمىن ئەر-ئايال ئىككىسى بوتۇلكىنى ئاۋىستىرالىيە مۇزېيدا ئىككى يىل كۆرگەزمە قىلىشقا بېرىپ تۇرماقچى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى