شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەنە 10 كىچىك سەيلىگاھ قۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارام ئېلىشى، پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
بۇ كىچىك سەيلىگاھلار مىچۈەن-كۆكتاغ چوڭ يولى دېكۈن دەرۋازىسىنىڭ جەنۇب تەرىپى، شەرقىي لەنشېڭ كوچىسى ۋە مىڭكاڭ يولى تۈگۈنى قاتارلىق بەش ئورۇندا بولۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 100 موغا يېتىدىكەن.
كىچىك سەيلىگاھلارنى لايىھەلەش پىرىنسىپىدا مول يېشىللىق مەنزىرىسى ئاساس قىلىنىپ، ئاساسىي شەھەر رايونىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىنىدىكەن ھەمدە ئەتراپتىكى يەر ئىشلىتىدىغان ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق ھالدا ئارام ئېلىش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش بوشلۇقى ۋە مەدەنىيەت، تەشۋىقات نۇقتىلىرى ئېچىلىپ، مۇھىتى ياخشى، ياشاشقا ماس كېلىدىغان باغچا شەھەر رايونى قىياپىتى نامايان قىلىنىدىكەن.
ھازىر مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى سەيلىگاھ قۇرۇلۇشى تۈرى لايىھەلەش باسقۇچىدا ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى سەيلىگاھلارنىڭ ئومۇمىي سانى 60 قا يېتىدىكەن.