ماتېرىيال سۈرەت
ئەنگلىيەدىكى بىر تاراتقۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت مېتا يۈرەك كېسىلى تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، چاچ چۈشۈش ياكى چاچ چارلىشىش سېمىزلىككە قارىغاندا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئىپادىلەيدىغان تېخىمۇ كۈچلۈك ئامىل ئىكەن. ئەگەر ئەرلەرنىڭ چېچى 40 ياشقا بارماي تۇرۇپلا چۈشسە ياكى چارلىشىپ كەتسە، ئۇلاردا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى بەش ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدىكەن.
تەتقىقات كوللېكتىپى ھىندىستاندىن تاجىسىمان ئارتېرىيە كېسەللىكى بولغان 40 ياشتىن تۆۋەن 790 ئەرنى ھەمدە يېشى تەڭ بولغان 1270 ساغلام ئەرنى تاللاپ، سېلىشتۇرما تەجرىبە ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ كىلىنىكىلىق كېسەللىك تارىخىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە ئۇلارغا ئېلېكتىروكاردىيوگرامما، ئۇلترا ئاۋازلىق كاردىيوگرامما، قان تەكشۈرۈش ۋە تاجسىمان ئارتېرىيە سايىلاندۇرۇش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان.
تەھلىل نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاجىسىمان ئارتېرىيە كېسەللىكى بولغان ياش ئەرلەردە بالدۇر چاچ چارلىشىش ۋە چاچ چۈشۈشتەك ئەھۋال كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن. ياش ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپى ئامىلىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، چېچى چۈشىدىغان ياشلارنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 5.6 ھەسسە يۇقىرى چىققان، چېچى چارلاشقان ياش ئەرلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 5.3 ھەسسە يۇقىرى چىققان.
ماتېرىيال سۈرەت
بۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سېمىز بولغان ياش ئەرلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئارانلا 4.1 ھەسسە يۇقىرى چىققان. دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم، بالدۇر كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسىلى جەمەت تارىخى بارلار، سېمىزلىك، بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولۇش، قاندىكى ماي تەركىبى بىنورمال بولۇش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرىجىسى چاچ چۈشۈش، چاچ چارلىشىش ۋە سېمىزلىكتەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس.
ھىندىستاندىكى يۈرەك كېسىلى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا جاكارلانغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ئەمەلىي يېشىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاچ چۈشۈش ۋە چاچ چارلىشىش قان تومۇرلارنىڭ بىيولوگىيەلىك يېشىنىڭ قېرىلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، بۇلار يەنە تاجىسىمان يۈرەك كېىسلىنى مۆلچەرلەيدىغان تېخىمۇ مۇۋاپىق خەۋپ ئامىلى ئىكەن. شۇڭا چېچى چۈشكەن ۋە چېچى چارلاشقان ئەرلەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش (يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، چېنىقىش ۋە بېسىمىنى ئازايتىش) ئارقىلىق تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت