تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى(لايىھە)نى قاراپ چىقتى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەر ساھەدىكى گۇرۇپپىلار بويىچە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)نى قاراپ چىقتى.

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە)نى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يېڭىدىن تۈزىتىلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىر، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى مۇجەسسەملىنىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى ھەرىكەت مىزانى ۋە تۈپ ئاساسى بېيىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن. ئۈچ نۇقتىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم: بىرىنچى، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى تولۇق ئىپادىلەنگەن، ئومۇمىي پىروگرامما، خىزمەت ئومۇمىي پىرىنسىپى ۋە تەشكىلىي ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ھىمايە قىلىش›› قاتارلىق بايانلار قوشۇلۇپتۇ، بۇ، ھەم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ مۇكەممەللىشىپ، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. ئىككىنچى، بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى)لايىھە(دە نۇرغۇن مەزمۇن تەڭشىلىپتۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپتۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى تۈزۈم ئاساسىغا ئىگە قىلىنىپتۇ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى مەشغۇلاتچانلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇلۇپتۇ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە قىلىنىپتۇ. ئۈچىنچى، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى يېڭىدىن تۈزىتىلگەن پارتىيە نىزامنامىسى، ئاساسىي قانۇن بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەزى مۇھىم نۇقتىئىنەزەرلەردە بىردەكلىك ساقلىنىپتۇ، ئەمەلىيەت داۋامىدا پىشىپ يېتىلگەن ھەم نىزامنامە ئارقىلىق يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بىر قىسىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپتۇ، بۇنىڭدا ھەم نىزامنامىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىنىپتۇ، ھەم ئەمەلىيەت تەرەققىياتى ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئالغا سىلجىتىش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىپتۇ.

  ئەزا پەن شياۋيەن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قىلغان مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئاساسىي قانۇن، نىزام بويىچە فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىشى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  ئەزا باغدۆۋلەت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش، تۈپ ۋەزىپىسى، خىزمەت پىرىنسىپى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تەلىپى قاتارلىقلار يەنىمۇ تولۇقلىنىپتۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئورتاق تونۇشنى، ئەلرايىنى، ئەقىل – پاراسەتنى، كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى