تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن،سۈن جىنلۇڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى دوكلاتى، 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى لايىھەسى دوكلاتىنى تەكشۈردى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ ۋېيپىڭ، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يى جۈن ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: بۇلتۇردىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جايلار، تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، خامچوتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاپ، كۆزلىمە نىشاندىن يۇقىرى قىلدى، پىلاننى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى بولدى. 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىدە، 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتى لايىھەسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى نامايان قىلىنىپتۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بوپتۇ، قۇۋۋەتلەيمىز.

  خې شىڭلياڭ، پۇربا تۈگجىجاپ، ليۇ باۋزېڭ، ۋاڭ يەنچىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر بۇ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدا سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس راۋاجلانغان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش؛ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكتلىرى جانلىق، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش مۇۋاپىق بولغان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش؛ نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئۆتكەللەردىن تىرىشىپ ھالقىپ ئۆتۈپ، سۈپەتنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈش ئاساسىدا مىقدارنىڭ ئۈنۈملۈك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

  جاڭ چېڭيى، ۋاڭ گاڭ، مەمتىمىن ئابدۇغېنى، رىزا باغدۆۋلەت، شۈ تاۋ قاتارلىق ۋەكىللەر بۇ يىل مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىدا خامچوت قانۇنىنى يولغا قويۇشنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، مالىيە – باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، نەتىجە، ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مالىيە ئىنتىزامىدا يەنىمۇ قاتتىق بولۇپ، پۈتۈن يىللىق مالىيە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلدى.

  ياسىن سىدىق، مېھرىئاي ئىبراھىم، ھۆرنىسا قادىر، چېن لياڭ، ئادالەت ئېزىز قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، ۋەزىپە مۈشكۈل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، ليۇ خەيشىڭ، لى ۋېي، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى